ھويلا-ئاراندىكى كىچىك ئەگمە پارنىك دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بەردى

日期:2021年01月22日
来源:天山网
【字体:

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پوسكام ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا-بازار(مەيدان)لار ئاممىنى ھويلا-ئاراننى مۇۋاپىق پىلانلاپ، كىچىك كۆكتات ئەگمە پارنىكى ياساپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە پائال تەشۋىق قىلدى ۋە يېتەكلىدى.

شىتاچى كەنتى ئاھالىلەر نۇقتىسىدىكى كۆكتات ئەگمە پارنىكى.

يېقىندا، مۇخبىر سەيلى يېزىسىشىتاچى كەنتىدە، ئاھالىلەر نۇقتىسىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئالدى-كەينىگە ياسالغان قاتار-قاتار كىچىك كۆكتات ئەگمە پارنىكلىرىنىڭ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆردى. كەنت ئاھالىسى ھۆرنىسا توختى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ كىچىك ئەگمە پارنىكىنى رەتلەش بىلەن ئالدىراش بولدى. ھۆرنىسا توختى مۇخبىرغا، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىشىك ئالدىدىكى بوش يەرگە كۆكتات ئەگمە پارنىكى ياسىغانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن قىشتا يېڭى كۆكتات يەپلا قالماي، يەنە ئائىلىسىنىڭ چىقىمىنى تېجەپ قالغانلىقىنى ئېيتتى، «مەن ئىشىك ئالدىدا ئىككى كىچىك ئەگمە پارنىك ياساپ، سامساق مايسىسى تىكتىم» دېدى ئۇ.

ھۆرنىسا توختى ئەگمە پارنىكقا سۇلياۋ يوپۇق ياتقۇزماقتا.

شۇ كەنتتىكى كەنت ئاھالىسى جاڭ جىنگو مۇخبىرغا، ئىلگىرى قىشنىڭ ئارىسالدى چاغلىرىدائۆيدە قىلىدىغان ئىشىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتتى. 2020-يىلى 11-ئايدا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئېتىزىغا بەش ئەگمە پارنىك ياساپ، ھەممىسىگە سامساق مايسىسى تىكىپ، چاغاندىن بۇرۇن ساتماقچى بولغانلىقىنى ئېيتتى. «سامساقلارنى چاغاندا بازارغا سالسام بولىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە لاۋبەن كېلىپ يىغىپ كېتىدۇ، بەش پارنىكتىن تەخمىنەن 15 مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايمەن» دېدى جاڭ جىنگو.

كەنت ئاھالىلىرى ئەگمە پارنىكتىكى سامساق مايسىلىرىنى پەرۋىش قىلماقتا.

ئىگىلىنىشىچە، سەيلى يېزىسى شىتاچى كەنتى «ئۈچنى بىرلەشتۈرۈش» پائالىيىتى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرىنى ئائىلىلەرگە كىرىپ زىيارەت قىلىشقا تەشكىللەش ئارقىلىق، ئاممىغا كىچىك ئەگمە پارنىكنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمىنى تەشۋىق قىلغان ھەم تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى ھويلا-ئاران پارنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىگەن. نۆۋەتتە، پۈتۈن كەنتتە 90 نەچچە كىچىك ئەگمە پارنىك بار بولۇپ، تۈرلۈك پەسىلسىز كۆكتاتلار تېرىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئاساس سېلىندى.

مەنبە: پوسكام ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى