كۇچا: يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى مەنزىرە رايونىغا كىرىپ، ساياھەتچىلەرنى خۇشال قىلدى، ئاممىنى بېيىتتى

日期:2020年09月25日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىر لۈ نا خەۋىرى): بىر چوڭ نان تۆت يۈەن، بىر كىشىلىك راڭپىزا بەش يۈەن، بىر تەخسە ئۆپكە-ھېسىپ ئون يۈەن... بازاردا يېگىلى بولىدىغان بۇ تەكسە باھالىق مەززىلىك تائاملار نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشتىكى يەنە بىر يولىنى كۆپەيتتى.

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىر ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كۇچا ۋاڭ ئوردىسى مەنزىرە رايونىغا كىرىشى بىلەنلا، ئىككى تەرەپكە لىق تىزىلغان ھەر خىل مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قول ھۈنەر بۇيۇملىرى، خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى، ھەمدە شۇ جايدىكى ھەر خىل نازۇ نېمەتلەر ئۇنى جەلپ قىلدى. بىر يىگىت مۇشتۇم چوڭلۇقىدىكى بىر قاپاققا باش چۆكۈرۈپ رەسىم سىزىۋاتاتتى، مۇخبىر يايما ئورنىدا رەسىم سىزىلىپ بولغان بىر قاپاقنى ئېلىپ باھاسىنى سۈرۈشتۈرگەندە، يىگىت گەپ قايتۇرمىدى، بېشىنىمۇ كۆتۈرمىدى. بىر چەتتە ئەتلەس بۇيۇملىرى ساتىدىغان قىزقىزغىنلىق بىلەن جاۋاب بەردى:«كىچىك قاپاقنىڭ بىرى 30 يۈەن، ئالاھىدە چوڭ قاپاقنىڭ بىرى 300 يۈەن».

ئەسلىدە، يىگىت گاس-گاچا بولۇپ، بۇ يىل 29 ياش، ئىسمى تۇردى ھېكىم ئىكەن. ئۇ تۆت يىل ئىلگىرى قاپاققا رەسىم سىزىشنى ئۆگىنىشكە باشلىغان، ھۈنىرىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ ياخشى سىزىلغان قاپاقلارنى بازارغا ئاپىرىپ ساتقان، ئەمما سېتىلىش مىقدارى ئانچە ياخشى بولمىغان. بۇ يىل 4-ئايدا، كۇچا شەھىرى رەستە كوچىسى ياڭگۇاڭ مەھەللىسىدىكى خىزمەتچى خادىملار ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سىزىلىپ بولغان قاپاقلارنى كۇچا ۋاڭ ئوردىسى مەنزىرە رايونىغا ئاپىرىپ سېتىشنى ئېيتقان، بۇنىڭدىن ئۇ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتكەن. ئۇ سىزىلىپ بولغان قاپاقلارنىڭ ھەممىسىنى مەنزىرە رايونىغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ قالماي، يەنە بوياق ماتېرىيالى، رەسىم قەلىمىنىمۇ مەنزىرە رايونىغا ئېلىپ بېرىپ، بىر تەرەپتىن يايما يېيىپ، يەنە بىر تەرەپتىن قاپاققا رەسىم سىزغان.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ساياھەتچىلەر كۆپ بولغاندا، تۇردى ھېكىمنىڭ بىر كۈنلۈك كىرىمى 800 نەچچە يۈەنگە يېتىدىكەن.

يېپيېڭى مىس چەينەك، مىس قوشۇق، مىس قاچا، مىس پەتنۇس قاتارلىقلار پۈتۈن يايما ئورنىغا لىق تىزىلغانىدى، يايما ئىگىسى مەمەت قادىر ئەتراپتىكى ساياھەتچىلەرگە قىزىل مىستا ياسالغان ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى سېتىش ۋە تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇ، ئۆزىنىڭ بۇ يىل 9-ئايدا مەنزىرە رايونىغا كىرگەنلىكىنى، سودا ياخشى بولغاندا، بىر كۈندە 3000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلالايدىغانلىقىنى، ئادەتتە 300-400 يۈەن كىرىم قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شەنشىدىن كەلگەن ساياھەتچى جۇڭ چىن مۇنداق دېدى:«مەن ئادەتتە مىس بۇيۇملارنى يىغىپ ساقلاشنى ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ رەڭگى، سىزىقلىرى كۆڭلۈمگە بەك ياقتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە، مەن ئالتە مىس قاچا ۋە بىر كىچىك مىس چۆگۈن سېتىۋالدىم».

راڭپىزا، ئۆپكە-ھېسىپ، شاپتۇل، ئۈزۈم، ئۆرۈك قېقى، ئۈجمە قېقى، شاپتۇل قېقى... بۇ مەنزىرە رايونىغا يەنە كۇچا شەھىرىدىكى نۇرغۇن مەززىلىك تائاملار توپلانغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر نەق مەيداندا تېتىپ باقالايتتى، يەنە ساياھەتچىلەرنىڭ ئېلىپ كېتىشىنى قانائەتلەندۈرەلەيدىغان قۇرۇق ماللارمۇ بار ئىدى.

جۇڭ چىن خۇشال ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى:«ئەسلىدە مەنزىرە رايونىدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بەك قىممەت دەپ ئويلىغانىدىم، بۇنداق چىرايلىق ھەم ئەرزان بولۇشىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. كۆڭلۈمدىكىدەك «گۆھەر»نى سېتىۋالدىم، ئالاھىدە مەززىلىك تائاملارنى تېتىدىم، ئاندىن كۆرگەزمە رايونىنى ياخشى ئېكسكۇرسىيە قىلدىم. بۇ قېتىمقى كۇچا سەپىرى بەك ياخشى بولدى!»

نۆۋەتتە، كۇچا ۋاڭ ئوردىسى مەنزىرە رايونى 21 تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش يايما ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايىتى مەنزىرە رايونىنىڭ ئىچى-سىرتىدىن مۇۋاپىق ئورۇن تاللاشنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بەلگىسى بار كۆچمە ئىمارەتلەرنى قۇرۇپ، نامرات ناھىيە، يېزا-كەنتلەردىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى مال مەنبەسى قىلغان ئاقسۇ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى مەنزىرە رايونلىرىغا كىرگۈزۈپ، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس رايونى (مەخسۇس پوكىيى)قۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشقان.