كىچىك ھويلا-ئاراننىڭ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش

日期:2020年09月21日
来源:天山网
【字体:

9-ئاينىڭ 10-كۈنى، 5-شى 86-تۇەنىدىن باگبۇرا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى فاڭ لياڭ (سولدا) كەنت ئاھالىسى ۋاڭ چۈەنيۈگە مېۋىلىك دەرەخلەرنى چاتاش ماھارىتىنى چۈشەندۈرمەكتە.

(لېي لېي فوتوسى)

تىيانشان تورى خەۋىرى:«ئاچا، قاراڭ بۇ قىشلىق ئالما، ئالما پىشقاندىن كېيىن مېۋىلىك دەرەخنى ئاقارتىپ، كېسەللىك، ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك؛ يەنە شاخنى چاتايمىز، شاخ ئاچىلىرىنى چاتىشىمىز كېرەك.» 9-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە، 5-شى 86-تۇەنىدىن بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرى باگبۇرا كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن ئەترەت باشلىقى فاڭ لياڭ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنى باشلاپ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ چۈەنيۈنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئۇنىڭغا مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە يېتەكچىلىك قىلدى.

2019-يىلى، بورتالا شەھىرى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، كەنت ئاھالىلىرىگە مېۋىلىك دەرەخ كۆچىتى تارقىتىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئۆز ھويلىسىدا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا يېتەكلىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى كەنت كادىرلىرىغا پائال ماسلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئارانلىرىدىكى تۇرمۇش رايونى، تېرىقچىلىق رايونى، باقمىچىلىق رايونىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كۆكتات تېرىش، ئۆي قۇشلىرى، چارۋا بېقىشقا پائال ئىلھاملاندۇرۇپ، يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىڭتۇەننىڭ يېزا ئىگىلىكىدىكى تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا چارە-تەدبىر كۆرسىتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ھېساباتىنى ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادىي دەرەخلەرنى ياخشى تىكىپ، ھويلا-ئاران چارۋىلىرىنى ياخشى بېقىپ، «كىچىك ھويلا-ئاران»نىڭ «چوڭ» رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يەرلىكتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى.

بۇ يىل 70 ياشقا كىرگەن ۋاڭ چۈەنيۈ 20 تۈپ مېۋىلىك دەرەخ كۆچىتى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئەمما تېرىقچىلىق تېخنىكىسى كەمچىل بولغاچقا، مېۋىلىك دەرەخنىڭ ئۆسۈشى ئىزچىل كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا دائىم مېۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇنىڭ تېرىقچىلىقتىكى قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەردى.

2019-يىلى، خىزمەت ئەترىتىدىكى ئەترەت ئەزالىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، كەنت ئاھالىسى سېرىك ئىككى گۆش كالىسى، 15 ئىنچىكە يۇڭلۇق قوي سېتىۋالدى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى تېخنىكا جەھەتتىن سەمىمىي ياردەم بەردى ۋە يۆلىدى، ھازىر، سېرىكنىڭ ھويلا-ئاران باقمىچىلىقى بارغانسېرى قىزىپ كەتتى.

«‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش› خىزمەت ئەترىتى باگبۇرا كەنتىمىزگە كەلگەندىن بۇيان، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزغا ياردەم بەردى، بىزنى ئەلا تېخنىكا، سەمىمىي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى، بىزنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق سەۋىيەمىزمۇ زور دەرىجىدە ئۆستى» دېدى سېرىك.

فاڭ لياڭ مۇنداق دېدى: «ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، خىزمەت ئەترىتىمىزدىكى بارلىق ئەزالار تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، دائىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى ياخشى قىلىشىغا، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بەردى».