بېيىش باشلامچىسى ياڭ ئەيجۈن

日期:2020年09月16日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرتيەن خاۋ، گو شيا، خې لىجۈنخەۋىرى): ياڭ ئەيجۈن گەنسۇنىڭ يېزىسىدىن كەلگەن، ئۇ ئائىلىسى بىلەن شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ تېكەس ناھىيەسىگە كەلگەندىن كېيىن، ئون يىل ئىچىدە، پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش ئارقىلىق شۇ جايدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن ئون نەچچە نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، جاپالىق ئەمگىكىگە تايىنىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلىدى.

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىر تېكەس ناھىيەسىنىڭ خۇجىرتى موڭغۇل يېزىسىدىكى 1000 مولۇق كۆكتات پارنىكى بازىسىدا ياڭ ئەيجۈننىڭ ئەمگەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى، ياڭ ئەيجۈن پارنىكنى رەتلىك يىغىشتۇرۇپ قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ خوتۇنى بىر چەتتە تۇرۇپ كۆكتاتلارنى پۇتاۋاتاتتى، چېھرىدىن خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

«مەن بۇ يىلقى كىرىمىمدىن ناھايىتى رازى، ئالدىنقى يېرىم يىلدىلا تۆت پارنىكتىن 40 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلدىم» دېدى ياڭ ئەيجۈن.

بۇ يىل 50 ياشقا كىرگەن ياڭ ئەيجۈن قويۇق گەنسۇ تەلەپپۇزىدا سۆزلەيتتى، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇش تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە ئىدى. 2010-يىلى، ئۇ ئون نەچچە يۇرتدىشى بىلەن بىللە تېكەس ناھىيەسىگە كەلدى، بۇ يەرنىڭ ھاۋا كىلىماتى، تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتىنى ئالاھىدە ياقتۇرۇپ قالدى، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ يەردە يىلتىز تارتتى.

ئون يىل ئۆتۈپ كەتتى، «نامراتلىق» دېگەن بۇ سۆز ياڭ ئەيجۈننىڭ تۇرمۇشىدىن ئۆچۈرۈلدى. ئەينى يىلى، ياڭ ئەيجۈن خوتۇنى ۋە ئىككى بالىسىنى ئېلىپ تېكەس ناھىيەسىگە كەلگەندە، يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇنى ئىككى پارنىك بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرىگە يەنە 40 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆي بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئەزەلدىن پارنىك تېرىقچىلىقى تەجرىبىسى بولمىغان ياڭ ئەيجۈن كۆكتات بىلەن ئۈزۈلمەس رىشتە باغلىدى. شوخلا، چىڭسەي، جاڭدۇ ئۇنىڭ پارنىكىدىكى ئاساسلىق مەھسۇلاتلار ئىدى.

ئەينى يىلى 40 ياشقا كىرگەن ياڭ ئەيجۈن تېكەس ناھىيەسىگە تۇنجى قېتىم كەلگەندە، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولۇشىغىلا كاپالەتلىك قىلالايتتى. كىچىكىدىن تارتىپلا جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەن ئۇ، چوقۇم تىرىشىپ ئۆزگەرگەندىلائاندىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئالدىدا ھۆرمەت تاپالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدى. جاھىل ياڭ ئەيجۈن خوتۇنى جۇ فۇشياڭ بىلەن پارنىكتا جاپالىق ئىشلىدى، كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە 10 يىل ئۆتتى.

ياڭ ئەيجۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كىرىپ، كەنتتە ئۆتكۈزۈلگەن دېھقانلار تېخنىكا كەچلىك تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتناشتى، تېرىقچىلىق چوڭ ئائىلىلىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ، قانداق ئۇرۇق تاللاش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىشنى ئۆگەندى، قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ پاخال بورا تارتىشنى ئۆگەندى، قول بىلەن ئېچىپ ياپىدىغان پاخال بورىدىن توكلۇق پاخال بورىغىچە، ئۇ قايتا ـ قايتا ئۆزگەرتىش ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى باشتىن كەچۈردى. قانداق قىلغاندا پارنىكنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىكىنى ئىگىلەپ، فوتوسېنتىز رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ، بۇ ئىشلارنى ياڭ ئەيجۈن تولىمۇ ئىنچىكە ئىشلىدى. دائىم خوتۇنى تاماق ئېتىشكە، ئۇ پاخال پورا يۆگەشكە مەسئۇل بولدى، تاماقتىن كېيىن، ئىككىيلەن بۆلۈنۈپ سۇغىراتتى، كۆكتات ئۈزگەندە، ئىككىسى ئورتاق تىرىشىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سېتىقچىلارنى يېڭى كۆكتات بىلەن تەمىنلىدى.

ھۆكۈمەت ھەقسىز تەمىنلىگەن 160 كىۋادرات مېتىرلىق ئىككى پارنىكتىن ئىش باشلىغان ياڭ ئەيجۈننىڭ ھازىر تۆت چوڭ پارنىكى بار بولدى.

ياڭ ئەيجۈن مۇنداق دېدى: گەرچە ئازراق جاپا بولسىمۇ، لېكىن ھەر يىللىق كىرىمىمىز نىسبەتەن مۇقىم، يۇرتىمىزدىكى تاغلىق رايونلارغا ئوخشاش لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، يامغۇر ئاپىتى، قۇرغاقچىلىقتىن ئەندىشە قىلمايمىز. 2017-يىلىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن بۈگۈنكى بېيىش ماھىرىغىچە، ياڭ ئەيجۈن جاپا-مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردى، لېكىن ئۇنىڭ جاپاغا چىداش روھىئەزەلدىن ئۆزگەرمىدى.

ئۆزى بېيىسىلا بېيىغان ھېسابلانمايدۇ، كۆپچىلىك بىللە بېيىسا ئاندىن بېيىغان ھېسابلىنىدۇ. ئوچۇق-يورۇق ياڭ ئەيجۈن مۇخبىرغا شۇنداق دېدى. بىر ئادەم ناھايىتى تېز ماڭىدۇ، لېكىن يىراققا بارالمايدۇ. ئۇ كۆڭلىگە مىننەتدارلىقنى پۈككەن بولغاچقا، بارلىق ۋاقتىنى پارنىكتا ئۆتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئون نەچچە يۇرتدىشىنى باشلاپ بىللە ئىشلىدى. ياڭ ئەيجۈن ئۇلارغا ئىلھام بېرىپ، كىمنىڭ كۈنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، كىمنىڭ كۆپ پۇل يىغىۋاتقانلىقىنى سېلىشتۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. بۇ خىل ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش كۈرەش ئىرادىسى ئەتراپتىكى ئاممىنى ياڭ ئەيجۈن بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاشقا ئىلھاملاندۇردى.

بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن تۇرسۇن مۇخاش كۆپ يىللاردىن بۇيان تۆۋەن كاپالەت پۇلىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈپ، نامراتلىق سىزىقى ئەتىراپىدا يۈردى. بىر ئائىلىدىكى تۆت جان چارۋىچىلىق رايونىدىن ناھىيە بازىرىغا كۆچۈپ كېلىپ، ئادەتتە پارچە-پۇرات ئىش قىلىشقا تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدىدى. بىر قېتىملىق تاسادىپىي پۇرسەتتە، ئۇ ئۈچ چاقلىق ھارۋىنى ئىتتىرىپ كۆكتات سېتىۋاتقان ياڭ ئەيجۈن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى، ياڭ ئەيجۈن بىلەن بولغان 30 مىنۇتلۇق پىكىر ئالماشتۇرۇشتا، ياڭ ئەيجۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشى تۇرسۇننى تەسىرلەندۈردى. مۇشۇ يەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ تېكەسلىك كىشى پاسسىپ ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشتىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پۇل تېپىپ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلاندى، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ ياڭ ئەيجۈننى ئۇستاز تۇتۇپ، پارنىكتا كۆكتات تېرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگەندى. بۈگۈنكى كۈندە، ياڭ ئەيجۈنگە ئوخشاش ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا مېڭىۋاتقان تۇرسۇن پارنىكتا تېرىقچىلىق قىلىش تېخنىكىسىنى ئەتراپتىكى ئاممىغا ئۆگەتتى، ئۆگىتىش جەريانىدا، ياڭ ئەيجۈننىڭ جاپاغا ئالاھىدە چىدايدىغان، تىرىشىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىن ئىبارەت كۈرەش قىلىدىغان روھىنى يەتكۈزدى.