قۇملۇقتا لىمەي تېرىشنىڭ پايدىسى كۆپ بولدى

日期:2020年09月16日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىخەن چىنيەن): ئىلگىرىكى تاشلاندۇق قۇملۇقتا باشاق چىقارغان لىمەينى كۆرۈپ، يەكەن ناھىيەسىچارەك بازىرى ئاۋات كەنتىدىكى ئىسمايىل قاسىم ھاياجانلانغان ھالدا: «لىمەي تېرىپ، ئائىلەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدىغان بولدى» دېدى.

«ھازىر بىر سورتتىن ھوسۇل ئېلىپ بولدۇق، ھەر مو يەردىن تەخمىنەن 270 كىلوگرامدىن 280 كىلوگرامغىچە ھوسۇل ئالدۇق.يەرلىك دېھقانلارنىڭ لىمەي تېرىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نەپكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى مولېكۇلا ئۆسۈملۈك ئىلىمى جويۆ يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى شاڭخەي ئۆسۈملۈك ئوڭۇشسىز شارائىت بىئولوگىيەسى تەتقىقات مەركىزى(قىسقارتىلىپ «ئوڭۇشسىز شارائىتقا تاقابىل تۇرۇش مەركىزى»دېيىلىدۇ)نىڭ تەجرىبە خادىمى ۋاڭ خۇڭۋېي.

لىمەي شورغا، ئۈنۈمسىزلىككە، قۇرغاقچىلىققا، سوغۇققا چىداملىق بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانئالقىشلانغان «ۋاڭخۇڭ» ساغلاملىق يېمەكلىكى ھېسابلىنىدۇ.

2019-يىلى، ئوڭۇشسىز شارائىتقا تاقابىل تۇرۇش مەركىزىنىڭ تەجرىبە خادىملىرى يەكەندەتۇپراقنىڭ قۇملىشىشى، شورلىشىشى قاتارلىق ھەر خىل مەسىلىلەرنى يېڭىپ،1200 خىليېتىشتۈرۈلگەنسورت ئىچىدىن شۇ جايدا تېرىشقا ماس كېلىدىغان 13 خىل سورتنى تاللاپ چىقتى.

شۇ يىلى 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، يەكەن ناھىيەسىدە لىمەي سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىكتېرىلدى، 7-ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ باشقا ناھىيە، شەھەرلىرىدە لىمەينى يازلىق تېرىش سىنىقى قانات يايدۇرۇلدى. «تەجرىبە ئارقىلىق بايقىلىشىچە، 7-ئايدا تېرىلىپ بولغان لىمەينىڭ دېنى توق، مەھسۇلات مىقدارى ئەتىيازدا تېرىلغىنى بىلەن تەڭ بولۇپ، لىمەينى ئىككى پەسىلدە تېرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېدى ۋاڭ خۇڭۋېي.

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ لىمەيگە بولغان تونۇشى، لىمەيتېرىش تېخنىكىسىنى چۈشىنىشىنىيەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشئۈچۈن، ئوڭۇشسىز شارائىتقا تاقابىل تۇرۇش مەركىزى شۇ جايدىكى دېھقانلارنى يەر باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى، چارەك بازىرى ئاۋات كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئوسمان ھەسەن دەلتەكلىپ قىلىنغان خادىملارنىڭ بىرى. ئوسمان ھەسەن ئۆزىنىڭ بەش مو يېرىنى لىمەي ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىغا ئوبوروت قىلدى، ئۆزى يەنە بۇ بازىدا ئىشلەمچىلىك قىلدى. «ھەر ئايدا 2000 يۈەن مائاش ئالىمەن، يەر ئوبوروت كىرىمىنى قوشقاندابىر يىللىق كىرىمىم 25 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ» دېدى ئوسمان ھەسەن.

يەكەن ناھىيەسىدە لىمەي تېرىش تېخنىكىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئوڭۇشسىز شارائىتقا تاقابىل تۇرۇش مەركىزى كۆپ قېتىم تەربىيەلەش يىغىنى ئېچىپ، ھەر قايسى كەنتلەردىكى دېھقانلارنى لىمەي ئۈلگە كۆرسىتىش تېرىقچىلىق بازىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.

«16 مو يەرگە لىمەي تېرىدىم، ھەر مو يەردىن 3500 يۈەن كىرىم قىلدىم. ئۇنىڭدىن باشقا بىر مو يەرگە 500 يۈەن تولۇقلىما بېرىلىدۇ، يەنە ئۇرۇقلۇقنى ھەقسىز تەمىنلەيدۇ، مەن كېلەر يىلى تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئويلاۋاتىمەن»دېدى ئىسمايىل قاسىم.

ھازىر قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ لىمەي تېرىلغۇ كۆلىمى 9600 موغا يېتىپ، ۋىلايەت بويىچە 12 ناھىيە، شەھەردىكى 20دىن ئارتۇق تېرىقچىلىق نۇقتىسىغا تارقالدى.