يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلغان لېي موماي: كۆپچىلىكنىڭ مەن بىلەن بىللە ئورمان ياڭىقى دەرىخى ئۆستۈرۈپ بېيىشىنى ئويلايمەن

日期:2020年09月15日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرليۇ يىمىڭ): 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسى چىڭياڭخۇ يېزىسى دۇڭچىڭ كەنتىدە، دەرەختە ساڭگىلاپ تۇرغان ئورمان ياڭىقىنىڭ كۆپ قىسمى ئۈزۈپ بولۇنغان ئىدى. «ئازراقلا ئېشىپ قالدى، يەنە ئۈچ-تۆت كۈنگىچەھەممىسىنى يىغىۋالىمىز» دېدى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 82 ياشلىقكەنت ئاھالىسى، ئورمان ياڭىقى ئۆستۈرۈش بېغىنىڭ ئىگىسى لېي شۇجىن.

لېي شۇجىن ئورمان ياڭىقى مېغىزىقۇرۇتماقتا.

لېي شۇجىننىڭ ئورمان ياڭىقى ئۆستۈرۈش بېغى 50 مو كېلىدۇ، ئۇنى بەك چوڭ دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئورمان ياڭىقى بېغىچىڭياڭخۇ يېزىسىدىكى بىردىنبىر ئورمان ياڭىقى ئۆستۈرىدىغان بازا ھېسابلىنىدۇ.

«ناھىيە بويىچە 100 مودىن ئارتۇق يەرگە ئورمان ياڭىقى تېرىلغان بولۇپ، لېي موماينىڭئائىلىسى ئۆستۈرگەن ئورمان ياڭىقىنىڭ كۆلىمى چوڭ، ئەڭ بالدۇر ئۆستۈرۈشكە باشلىغان ئائىلە ھېسابلىنىدۇ» دېدى جىمىسار ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى ئورمانچىلىق پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى جاڭ شياۋپىڭ، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تەبىئىي مۇھىت نۇقتىسىدىنئېيتقاندا، جىمىسار ناھىيەسى ئورمان ياڭىقى دەرىخىنى ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىكەن. «ئورمان ياڭىقىنىڭ كۈندىلىك پەرۋىشى باشقا مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىشتىن ئانچە چوڭ پەرقلەنمەيدۇ،ئورمان ياڭىقى دەرىخىنىڭ مايسا مەزگىلىئۇزۇن، تۆت-بەش يىلدا بىر قېتىم مېۋە بېرىدىغانبولغاچقا، كۆپ كىشىلەر ئۆستۈرۈپ كەتمەيدۇ. بىراق ئورمان ياڭىقىنىڭ ئىقتىسادىي پايدىسى باشقا مېۋىلىك دەرەخلەرگە قارىغاندا ياخشى».

لېي شۇجىن ئۆستۈرگەن ئورمان ياڭىقى.

82 ياشلىق لېي موماي نېمە ئۈچۈن يېزىدىكى تۇنجى ئورمان ياڭىقى ئۆستۈرگەن كىشى بولۇپ قالدى؟ «چۈنكى ئورمان ياڭىقىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى، مەن ئۇنى ياخشى ئۆستۈرۈپ، كۆپچىلىككە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بىرلىكتە تېرىپ كۆپچىلىك بىلە بىللەبېيىشنى ئويلىدىم» دېدى لېي شۇجىن تېلېفوندا سەۋەبىنى ئېيتىپ.

ئىلگىرى، لېي شۇجىن مېۋىلىك بېغىدا تاشئالما ۋە ئالما ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، پايدىسى ئادەتتىكىدەك ئىدى. 2011-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇتەخەسسىسىنىڭ لىكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لېي شۇجىن ئورمان ياڭىقىنىڭ ئىقتىسادىي پايدىسىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندى، ئەمما ئۇ مۇتەخەسسىسلەردىنئۆز نۆۋىتىدە يۇقىرى پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدى.

«ئۇنداقتا مەنمۇ سىناپ باقاي» دېدى لېي شۇجىن، ئۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ چەت ئەلدىن كىرگۈزگەن ئورمان ياڭىقى ئۇرۇقىنى ئۆزىنىڭ مېۋىلىك بېغىدا سىناپ ئۆستۈرۈشكەباشلىدى.

لېي شۇجىن ئۆستۈرگەن ئورمان ياڭىقىدىن مول-ھوسۇل ئالدى.

«لېي مومايغا قول قويىمەن، يېشى چوڭبولسىمۇ،ئۆگىنىشنى خالايدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە ئورمان ياڭىقى ئۆستۈرىدىغان ئادەم ئاز بولغاچقا، باشقىلارنىڭ تەجرىبىسىنى يەكۈنلەش ئىمكانىيىتى يوق، ئۇ دائىم ناھىيە، ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايوندىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەلىم ئالدى، تەربىيەلىنىش ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتى بولسىلا قاتناشتى» دېدى چىڭياڭخۇ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتچىسى ياڭ لۇفەن.

«مەن ئورمان ياڭىقىنى 2011-يىلىدىن باشلاپ ئۆستۈرۈشكە باشلىغان، دەسلەپتە قانداق ئۆستۈرۈشنى بىلمىدىم، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدۈم، ئالدىنقى تۆت يىلدا كىرىم بولمىدى، بەشىنچى يىلىدىن باشلاپ ئورمان ياڭىقى مېۋىلىدى، ھەر مو يەردىن 200 كىلوگىرام ئەتراپىدا ھوسۇل ئالدىم» دېدى لېي شۇجىن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئورمان ياڭىقىنىڭ ھازىرقى بازار باھاسىھەر كىلوگىرامى 40-60 يۈەنبولۇپ، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر مو يەردىن 7000-8000يۈەن ساپ كىرىم قىلىدىكەن. ئورمان ياڭىقىنىڭ پىشىش مەزگىلىدە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى ۋە يېزىدىكى كادىرلار كېلىپ ئۈزۈشكە ياردەملىشىپتۇ.

10 يىلغا يېقىن ئۆستۈرۈش ۋە ئىزدىنىش داۋامىدا، لېي شۇجىن ئۆستۈرگەن ئورمان ياڭىقىنىڭ سۈپىتى سودىگەرلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

ئورمان ياڭىقىنىڭ كۆپ قىسمى ئۈزۈپ بولۇندى.

سودىگەر خۇاڭ فاپېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ موماي شەرقى ئۈچ ناھىيە(گۇچۇڭ ناھىيەسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، جىمىسار ناھىيەسى) بويىچە تۇنجى بولۇپ ئورمان ياڭىقى ئۆستۈرگەن، ئۇنىڭئورمان ياڭىقىنىڭ سۈپىتى ياخشى، پاكىز، دانىسى چوڭ، مېۋىسى تولغان، ھەر يىلى ئۇنىڭدىن تۆت-بەش توننا ئورمان ياڭىقى سېتىۋېلىپ، ئۇششاق يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىمىز، ناھايىتى ياخشى سېتىلىدۇ».

شۇ يەردىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى بۇ ئورمان ياڭىقىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ، بۇ يەرگە كېلىپكۆچەت سېتىۋېلىپ، ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، كىچىككىنە ئورمان ياڭىقىغاتايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭدى. ھازىر، لېي شۇجىن ئورمان ياڭىقى مېۋىسى سېتىپلا قالماي، يەنەئورمان ياڭىقى كۆچىتى ئۆستۈرۈشكە باشلاپ، سېتىش تۈرلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.

«كۆپچىلىك بىلەن بىللەئۆستۈرۈپ، كەلگۈسىدە جىمىسار ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارغا ئورمان ياڭىقىنى بىلدۈرسەك، كۆپچىلىك تەڭ باي بولالايمىز» دېدى لېي شۇجىن.

ئورمان ياڭىقىنىڭ «قاتتىق پوستلىق مېۋە شاھى» دېگەن گۈزەل نامى بار، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان سەككىز خىل ئاممۇنىي كىسلاتاسى، شۇنداقلا كۆپ خىل مېكرو ئېلېمېنتۋە مىنېرال ماددا بار، قان تومۇرنى يۇمشىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈمىگە ئىگە.