شىنجاڭ چاقىلىق: «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى + نامرات ئائىلە» كەپتەر باقمىچىلىق كەسپى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ «بېيىش ئارزۇسى»غا تىرەك بولدى

日期:2020年09月14日
来源:天山网
【字体:

خىزمەتچى خادىملار كەپتەرگە يەم بېرىپ، كەپتەر كاتىكىنى تازىلىماقتا.ساۋ يۆفوتوسى

شىنخۇا تورىخەۋىرى(مۇخبىرساۋ يۆخەۋىرى): ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، چاقىلىق ناھىيەسىئۇتام يېزىسىنىڭ ئېگىز ئۆستەڭ كەنتى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى + نامرات ئائىلە» ئورتاق پايدا ئېلىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىپ، زورايتىپ،تىرىشىپ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش يېڭى يولىنى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئائىلە كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇردى.

9-ئاينىڭ 9-كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسىيىگې خاس كەسپىي گۆش كەپتىرى باقمىچىلىق كۆپەيتىش بازىسىدا، خىزمەتچى خادىملار كەپتەرلەرگە يەم بېرىپ، كەپتەر كاتەكلىرىنى تازىلاپ، كەپتەر بېقىش سېخىدا ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

«خىزمەت قىلىدىغان يەر ئۆيگە يېقىن، بېرىپ كېلىش قولايلىق، كۆڭلۈم خۇشال، ئىش قىلسام ھارمايمەن». چاقىلىق ناھىيەسىئۇتام يېزىسىئېگىز ئۆستەڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئەمەر ئەمەت خۇشال ھالدا، ئۆزىنىڭ ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، ئاساسلىقى تازىلىق قىلىپ، گۆش كەپتىرىگە يەم بېرىدىغانلىقىنى، ھەر ئايدا 2000 يۈەن مائاش ئالىدىغانلىقىنى، يىل ئاخىرىدا يەنە پايدا تەقسىملىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئىگىلىنىشىچە، كەپتەر ئېگىز ئۆستەڭ كەنتىنىڭ خاس باقمىچىلىق تۈرى بولۇپ، 2019-يىلى بۇ كەنت ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، يىگېخاس كەسپىي باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇپ، تۇنجى تۈركۈمدە 39 ئائىلىلىك خاس باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش ئائىلىسىنى قوبۇل قىلىپ، 2470 جۈپتىن ئارتۇق گۆش كەپتىرى تارقىتىپ، ئائىلىلەرگە ئايرىپ باقمىچىلىق قىلىش، كوللېكتىپ تىجارەت قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسىنى يولغا قويغان، لېكىن باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ باقمىچىلىق تېخنىكىسى تەكشى بولمىغانلىقتىن، كەپتەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى، كۆپىيىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، ئومۇمىي ئۈنۈمى يۇقىرى بولمىغان. كەپتەر باقمىچىلىقىنىڭ پايدىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى ۋە خىزمەت ئەترىتى كەپتەر باقمىچىلىق فېرمىسى قۇرۇشنى قارار قىلىپ، ئىلمىي باقمىچىلىقنى مەركەزلەشتۈرۈپ، كەپتەرنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، مۇقىم كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇتام يېزىسى ئېگىز ئۆستەڭ كەنتى ئاھالە كومىتېتى خىزمىتىگەيېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى مۇتەللىپ ئەمەت مۇنداق دېدى:«ھازىر كەپتەرلەرنى بىرتۇتاش باشقۇرۇپ، بىرتۇتاش يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ناھىيەدىكى چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق مۇتەخەسسىسلىرىنى مۇۋاپىق پەيتتە تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، كەپتەرلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى، كاتەكتىن چىقىش نىسبىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق، بىر ئايدىلا 300 جۈپتىن كۆپرەك سېتىپ بولدۇق، سېتىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەزالارنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، بىز بەزى يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىدۇق، مۆلچەرلىنىشىچە، ھەربىر ئائىلىنىڭ يىللىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئاشىدۇ».

شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى كەپتەرنىڭ پايدىسىدىن پايدىلىنىپ پايداتەقسىملەپ بەردى، يەنە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى ئىشچى قىلىپ ئىشلىتىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتتى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەمگەك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ياردەم بېرىش ئۈنۈمىدە «قوش پايدا ئېلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىدىغان ھەم كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىدىغان كۆپ مەنبەلىك بېيىش يولىنى تېپىپ چىقىپ، ئاممىنىڭ بىرقەدەر يەككە بولغان كىرىم قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتتى.

چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇتام يېزىسى ئېگىز ئۆستەڭ كەنتى ئاھالە كومىتېتى خىزمەتلەرگەيېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى مۇتەللىپ ئەمەت تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: «بىز نامرات ئائىلىلەرنى ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا قاتنىشىپ، كەپتەر باقمىچىلىقىنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىمىز. كەپتەر بېقىشنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى، بازار ئىستىقبالى ياخشى، بۇ يىل بىز باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنىڭ بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئويلىشىۋاتىمىز».