بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى: قومۇش زاكاز تالونى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشتى

日期:2020年09月05日
来源:天山网
【字体:

تىيانشانتورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرۋاڭ چېڭخەۋىرى،فوتوسى): 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، پىششىقلاپ ئىشلەنگەنباغلام-باغلامقومۇشلارنىڭ يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلىنىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى يەتتە ئارال بازىرى ئالغاكەنتىدىكى قومۇش كەسپى تەدرىجىي بازارغا يۈزلەندى. كەنتتىكى دېھقانلارمۇ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن پايدىلىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىدى.

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى يەتتە ئارال بازىرى ئالغاكەنتىدىكى قومۇش پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىدا، كەنت ئاھالىلىرى قالايمىقان بولۇپ كەتكەن قومۇشلارنى پىرىسلاپباغلىدى ھەمدە زاكاز تەلىپى بويىچە كەستى. ئالغاكەنتىدىكى دېھقانلار قومۇشلۇقتىن سودا پۇرسىتى تېپىپ، كېرەكسىز نەرسىنى گۆھەرگە ئايلاندۇردى، شۇ كۈنى S21 قۇملۇق تاشيولى تۈرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى زاكاز تالونىنى ئېلىپ، قومۇش پىششىقلاش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قومۇشلارنى كېسىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى ھەم نەق مەيداندا قاچىلاپ توشۇدى.

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى يەتتە ئارالبازىرىنىڭ ئالغاكەنتى ئۇلۇڭگۈر كۆلىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، كۆل بويىدىكى سۇلۇق يەردە ئىنتايىن مول قومۇش بايلىقى بار، 2019-يىلىدىن باشلاپ، بۇ كەنت كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىگە تايىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى قومۇش ئورۇشقا پائال يېتەكلەپ، قومۇش پىششىقلاش زاۋۇتى قۇرۇپ، قومۇش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقاردى، دېھقانلار كەسپىي ئىشچى بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى زاكاز سوممىسى 800 مىڭ يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، بىر قىسمى كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى كىرىمى قىلىنغاندىن باشقا، قالغان قىسمى ئەمگەك مۇلازىمەت ھەققى سۈپىتىدە قۇمۇش كەسپى ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتناشقان ئىشچىلارغا تارقىتىپ بېرىلىدىكەن، بۇنىڭدىنقىلىنغان كىشى بېشىكىرىمى10 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ئاشىدىكەن. نۆۋەتتە، قومۇش پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى جەمئىي سەككىز ئادەمنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلغان، پەسىل خاراكتېرلىك جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 30دىن ئاشقان. بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، كەنت «ئىككى كومىتېت» بەنزىسى ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ ۋە مەھسۇلات سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنى قۇمۇش كەسپىگە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىپ، كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى پىلانلىغان.