ئونسۇ ناھىيەسى: بەسەي تېرىپ شېرىن تۇرمۇشقا ئېرىشىش

日期:2020年09月02日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلۈ نا، ئىختىيارىي مۇخبىرليۇ يىڭخەۋىرى): 8 ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ قىزىل بازىرى يىرما كەنتىگە كەلگىنىمىزدە، ئېتىز باشلىرىدىكى كەنت ئاھالىلىرى بۇ يىل تېرىغان كۈزلۈك بەسەينىڭ ئوتىنى ئوتاش، ئوغۇتلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى، مېۋىلىك باغلاردىكى توخۇلار توپ - توپ بولۇپ دانلاۋاتاتتى، ياڭاقلار شاخلارغا تولۇپ كەتكەن ئىدى. كەنت ئاھالىسى مەخسۇم داۋۇت ئېتىزدىكى ياپيېشىل بەسەي مايسىلىرىغا قاراپ، چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى. ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ياڭاقلىققا بەسەي كىرىشتۈرۈپ تېرىساق، يىل ئاخىرىدا يەنە خېلى كۆپ كىرىم قىلالايمىز».

يىرما كەنتىدە مەخسۇم داۋۇت تىلغا ئېلىنسا، كەنت ئاھالىلىرى: «ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، نامرات ئاھالىدىن كەنتتىكى بېيىش ماھىرىغا ئايلاندى» دەيتتى.

مەخسۇم داۋۇتنىڭ ئائىلىسىدە ئالتە جان بار، 2013 - يىلى ئۇنىڭدا تېخنىكا كەمچىل ئىدى شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك ئەمەس ئىدى، ئىككى بالىسى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان، خوتۇنىنىڭ يۈرەك كېسىلى بولۇپ ئېغىر دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا قاتنىشالمايتتى. كەنت ئاھالە كومىتېتى ئۇنىڭغا ئاممىۋى پاراۋانلىقئىش ئورنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى، كەنتتە تازىلىق قىلىپ، ھەر ئايدا 1000 يۈەن مائاش ئېلىپ، كۈنلىرىنى غورىگىل ئۆتكۈزدى.

كەنتتىكى باشقا كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەخسۇم داۋۇت ھازىرقى ھالەتنى قانداق ئۆزگەرتىش توغرىسىدا ئويلاندى. ئۇ ئىزچىل پۇرسەت ئىزدىدى. ھۆكۈمەت تۈرلۈك تەربىيەلەشكە تەشكىللىسىلا ئۇ ئاكتىپ قاتناشتى، بۇ جەرياندا ئۇ بارغانسېرى كۆپ ئېتىز پەرۋىشى تېخنىكىسىنى ئىگىلىدى، يەنە كەنتتىكى ياڭاق پۇتاش كەسپىنىڭ «كەسىپ ئەھلى»گە ئايلاندى، كىمنىڭ ئۆيىدە ياڭاق شېخىنى پۇتاش زۆرۈر بولسا، ئۇنى تەكلىپ قىلدى، بۇ تېخنىكا ئۇنىڭ يىللىق كىرىمىنى 4000 يۈەن ئەتراپىدا ئاشۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەخسۇم داۋۇت يەنە كەنتتىكى يەرنى ئېنىقلاپ قايتا تەقسىملەش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدى، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە 20 مو يەر تەقسىم قىلىنىپ، ھەممىسىگە ياڭاق كۆچىتى تىكتى. ئىككى يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، مەخسۇم داۋۇتنىڭ يەنە يېڭى پىلانى بار بولدى، ئۇ بولسىمۇ قانداق قىلىپ ھاللىق سەۋىيىگە يېتىش. «مەن تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ چىقتىم، پەقەت ئەستايىدىل ئىشلىسەملا كۈنلىرىم بارغانسېرى ياخشىلىنىدۇ.» مەخسۇم داۋۇت تېلېۋىزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ قاتارلىقلارنى سېتىۋالغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ يىل 7 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، مەخسۇم داۋۇت ئائىلىسىنىڭ 20 مو ياڭاقلىقىغا بەسەي كىرىشتۈرۈپ تېرىدى. مەخسۇم داۋۇت خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ئائىلىمىز نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدۇق، بۇ يىل ھۆكۈمەت بىزنى بەسەي تېرىشقا ئىلھاملاندۇردى، مەن ياڭاقلىققا بەسەينى كىرىشتۈرۈپ تېرىدىم، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ياڭاقنى ئۈزۈپ بولسام، بىزنىڭ بەسەينى پەرۋىش قىلىشقا يېتەرلىك زېھنىمىز بار بولىدۇ، يىل ئاخىرىغىچە بىر قىسىم كىرىمنى ئاشۇرالايمىز، ئائىلىمىزنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 7000 يۈەندىن ئاشىدۇ».

ئىگىلىنىشىچە، قىزىل بازىرى يازلىق يىغىم ئاق يېرى ۋە ھويلىدىكى بوش يەردىن پايدىلىنىپ، 1800 مو يەرگە بەسەي، 350 مو يەرگە چامغۇر ۋە لوبو تېرىغان. قىزىل بازىرىدىكى تېخنىك خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دېھقانلار يەر ئاغدۇرۇش، مايسا تاقلاش، ئوغۇتلاش، سۇغىرىش قاتارلىق بىر قاتار ئىنچىكە، ئىلمىي باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى تەرتىپلىك قانات يايدۇردى. ھازىر مايسىنىڭ ئىگىزلىكى ئالتە سانتېمېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ناھايىتى ياخشى ئۆستى. بۇ تۈركۈم بەسەينىڭ 10-ئاينىڭ بېشىدا بازارغا سېلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە، مو بېشى ھوسۇلى 1.6 توننا، ئومۇمىي ھوسۇلى 2880 توننىغا يېتىدۇ، بۇ بازاردىكى ئاممىنىڭ قىشلىق كۆكتات ئېھتىياجىنى قاندۇرغاندىن باشقا، ئاز دېگەندە يەنە 1 مىليون 300 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.

قىزىل بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ شەنجۈن مۇنداق دېدى: «قىزىل بازىرى كەسىپ تەرەققىياتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇردى، كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش خىزمەت نىشانىنى چۆرىدەپ، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، دەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى بىلەن مېۋىلىك باغ، توخۇ، گۆش كالىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ چىقىرىپ، قىزىل بازىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تىرىشىپ، پۈتۈن بازاردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش يولىدا بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز».

مەنبە:http://uy.ts.cn/system/2020/09/01/036417411.shtml