شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەپ بېيىغان ياخشى ياشلارنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈردى

日期:2020年09月01日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرلياڭ لىخۇا):يېقىندا، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى جەزملەشتۈرۈلگەن517 نەپەر «يېڭى دەۋردىكى يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەپ بېيىغان ياخشى ياش»نى ۋىۋىسكا ئېسىپ تەربىيەلىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى تەشكىلاتى «يېڭى دەۋردىكى يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەپ بېيىغان ياخشى ياش»تىن 6455نى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

«يېڭى دەۋردىكى يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەپ بېيىغان ياخشى ياش»لارخىزمىتىدە يېزا ياشلىرىنىڭ بېيىش باشلامچىلىرى، يۇرتىغا قايتىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، يېزىلاردىكىياش ۋاسىتىچىلارقاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنىپ، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، ئىش قىلىپ ئىگىلىك تىكلەيدىغان، نەتىجىسى گەۋدىلىك بىر تۈركۈم يېزا ياشلىرىيېتىشتۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىدۇ، تېخنىكا ئۆگىنىش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەش، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىش قاتارلىق جەھەتلەردە گەۋدىلىك نەتىجە ياراتقان يېزا ياشلىرىنۇقتىلىق يېتىشتۈرۈلۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتانەتىجىسى گەۋدىلىك بولغانلارنۇقتىلىق تەربىيەلىنىدۇ.

بۇ خىزمەت ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى قانات يايدۇرغان «يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ياشلارنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇشھەرىكىتى»نىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەزمۇنى. يېزىلاردىكى ئىگىلىك تىكلەپ بېيىغان ياشلار تىپلىرىنى قېزىش ئارقىلىق، مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ يېزىلاردا يىلتىز تارتىپ تەرەققىي قىلىش قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، تىپلارنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ياشلارنى يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، يېزىلارغا مۇلازىمەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، يېزا ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ياشلىق كۈچىنى قوشۇپ، يېزا-كەنت تەشكىلاتلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تايانچ قوشۇن يېتىشتۈرۈلىدۇ.

بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن ياسىن داۋۇت كورلا شەھىرىيېڭىشەھەر يېزىسى قاراباغ كەنتىدىكى ياش بولۇپ، 2015-يىلى قاراباغ قېتىق زاۋۇتىنى قۇرغانىدى. زاۋۇت ھەر كۈنى بىر توننا تەييار قېتىق ئىشلەپچىقىرىپ، 2019-يىلى ساپ كىرىمنى 300 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇپ، 13 كەنت ئاھالىسىنى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئايلىق مائاشى 3500 يۈەنگە يەتتى.

ياسىن مۇنداق دېدى: «يېڭى دەۋردىكى يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەپ بېيىغان ياخشى ياش»لارنى يېتىشتۈرۈش ئوبيېكتىبولغانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن، مەن كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە كەنتتىكى ياشلارغا ئىگىلىك تىكلەش تەجرىبىلىرىمنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم قىلىمەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومىتېتى ياشلار تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يۈ چۇەنخەي مۇنداق دېدى: «ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر بۆسۈشكە، تىرىشىشقا جۈرئەت قىلالايدۇ، بىلىم سەۋىيەسى نىسبەتەن يۇقىرى، نەزەر دائىرىسى كەڭ، ئىگىلىك تىكلەشتە چارىسى كۆپ بولۇپ، يېزىلاردىكى كەڭ ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ بېيىشىدا ناھايىتى ياخشى ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. <يېڭى دەۋردىكى يېزىلاردا ئىگىلىك تىكلەپ بېيىغان ياخشى ياش>لارنىيېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يەرلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى قوشقىلى بولىدۇ».