چايچىلىق دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى

日期:2020年08月31日
来源:天山网
【字体:

8-ئاينىڭ 30-كۈنى، خېنەن ئۆلكىسى شىنياڭ شەھىرى شاڭچېڭ ناھىيەسى خەنچۇڭ كەنتىدىكى چايزارلىقتا، بىر چاي ئۈزۈش ئىشچىسى كۈزلۈك چايلارنى ئۈزمەكتە.

 شىنخۇا تورى خەۋىرى:يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شاڭچېڭ ناھىيەسى يېزا-كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات ئورنىنى كۆزلەپ، چايچىلىقنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، ئەتىياز بىلەن كۈزدەچايدىن قوش مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شاڭچېڭ ناھىيەسى خەنچۇڭ كەنتىنى مىسالغا ئالساق، بۇ جاينىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەسى ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە، چايزارلىقنىڭ كۆلىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، «10 مىڭ مولۇق ئېكولوگىيەلىك چايزارلىق» دېگەن نامى بار.

خەنچۇڭ كەنتىنىڭ چاي تېرىش كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، پۈتۈن كەنتتە ھەر يىلى يېڭىدىن 300 مودىن ئارتۇق چايزارلىق كۆپەيدى، ھازىر مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن چايزارلىقتىن 8000 مودىن ئارتۇقى بار بولۇپ، چاي شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يېتەكچى كەسىپكە ئايلاندى. بۇنىڭدىن سىرت، خەنچۇڭ كەنتى كوللېكتىپ چايزارلىقنى ئائىلىلەرگە ھەقسىز ھۆددىگە بەردى، چاي تېرىشتىن قىلىنغان پايدىنىڭ ھەممىسى دېھقانلارغا پايدىلىق بولۇپ، ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 10 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە بولدى، قىسمەن چايچىلىق چوڭ ئائىلىرىنىڭ يىللىق كىرىمى 200 مىڭ يۈەنگە يەتتى، پەقەت چايچىلىقلا پۈتۈن كەنتنىڭ كىرىمىنى 24 مىليوندىن كۆپرەك ئاشۇردى.

ھازىرقى شاڭچېڭ ناھىيەسىدە، خەنچۇڭ كەنتى ۋەكىللىكىدىكى ئەتىيازلىق چايزارلىق بىلەن كۈزلۈك چايزارلىق ئوخشىمىغان پەسىللەردە گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى، كىچىككىنە چاي يوپۇرمىقى بۇرۇنقى قاقاس تاغنى كۆكەرتىپلا قالماي، يەنە دېقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا يول ئاچتى.

شىنخۇا تورى تارقاتقان (ۋاڭ كېۋېيفوتوسى)