بىر جۈپ قولىغا تايىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنىڭ يېڭى يولىنى سىزىپ چىقىش

日期:2020年08月28日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا تورى خەۋىرى(رۇستەم، ۋاڭ جيەنچياڭ، نىياز راخمان، خۇ رېنجيې): شىنجاڭ كۇچا شەھىرى ئۇزۇن بازىرى سېغىن سۆگەت 3-كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئىسمائىل ئابلا شۇ جايدىكى يىراق-يېقىنغا داڭقى بار دېھقان رەسسام. ئۇنىڭقاپاققا نەقىش، رەسىم ئويۇش ئىجادىيىتى كۆپچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ كەلدى. ئۆزى ھۇزۇرلىنىشتىنئائىلىسىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي مەنبەسىگە ئايلانغۇچە،قاپاق ئويمىچىلىقى ھەر يىلى ئۇنىڭغا 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم ئېلىپ كەلدى.

ئىسمايىل ئابلا قاپاققا نەقىش ئويماقتا.

ئىسمائىلنىڭ كىچىك ھويلىسىگۈل-گىياھ ۋە يېشىللىققا تولغانبولۇپ، ئۇنىڭ خوتۇن-بالىلىرى رەسىم سىزىۋاتاتتى، ھەممىلا يەرگە ئۇلارنىڭ رەسىم ئەسەرلىرى ئېسىلغانىدى.

«مېنىڭ ھازىرقى ئىجادىيىتىمنىڭ باش تېمىسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، قاپاققا كۆك ئاسمان، دەل-دەرەخ، يېشىل زېمىننىسىزدىم.سۈزۈك سۇ،يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، بىز مۇھىتنى ئاسرىشىمىز كېرەك» دېدى ئىسمائىل رەسىم سىزغاچ.

ئىسمايىل ئابلا قاپاققا ئويۇلغان رەسىمنى تونۇشتۇرماقتا.

ئىسمائىلنىڭ دېيىشىچە، ئۇ قاپاققا رەسىم سىزىشنى، بولۇپمۇ قاپاققا رەسىم ئويۇشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ئۇ ھەر مىللەت خەلقنىڭ پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە كۈندىن-كۈنگە باياشات تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان گۈزەل كارتىنىلىرىنى خاتىرىلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى كۆرۈنۈشىنى ئويۇپ چىققان.

«مەن كىچىكىمدىن رەسىم سىزىشنى ياخشى كۆرەتتىم، يېقىنقى 10 يىلدا نۇرغۇن ئەسەر ئىجاد قىلدىم، بۇنىڭ ئىچىدە ماي بوياق رەسىم، جۇڭگوچە رەسىم، يەنە قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى بار، ئەسەرلىرىمدە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى، پۇقرالارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى ۋە يۇرتىمىزنىڭ ئۆزگىرىشىلىرىنى نامايان قىلدىم» دېدى ئىسمائىل.

2010-يىلى، ئىسمائىل تاجسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپئوپېراتسىيە قىلدۇردى، بۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل كەتتى، ئۆزى پەقەت ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنىلا تۆلىدى؛ 2015-يىلى، ئەمىن ئۆي سالغاندا، ئۆز يېنىدىن چىقارغىنى 20 مىڭ يۈەنگىمۇ يەتمىدى... ئۇ تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن مىننەتدار بولدى، ئۇ بۇلارنى سىزىپ چىقىپ، ھەربىر كىشىگە بىلدۈردى.

ماھارىتىنىڭ كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، ئىسمائىل ئىجاد قىلغانرەسىملەر كۆپ خىل شەرەپلەرگە ئېرىشتى، ئۇنىڭ قاپاق ئەسەرلىرى ھەرقايسى جايلاردا سېتىلىپ، ياخشىكىرىم ياراتتى. بۇ بىر نەچچە كۈندە بىر ئائىلە كىشىلىرى نىڭبودىن كەلگەن 20زاكازنى ئۈلگۈرتۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.

ئۇزۇن بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى ئابدۇراخمان مەكىم مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھەر مىللەت ئامما قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىجاد قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئائىلە ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.