«ئەخلەت ئارىلى» يېشىل ئوكسىگېنخانىغا ئايلاندى

日期:2020年08月27日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرجاۋ شىيا):8-ئاينىڭ 22-كۈنى، كەچكى شەپەقتىكى ئالتۇن رەڭلىك سوقمان كۆلى يۈزىدە قومۇشلار يەڭگىل ئىرغاڭلاپ، بىر نەچچە ئاق قوتان كۆل يۈزىدە ئۇچۇپ يۈرەتتى. ئانچە يىراق بولمىغان جايدا، پۇقراۋى قونالغۇ خوجايىنى ئەكبەر يولۋاس كۆكتاتلارنى سۇغىرىپ، ئوغۇتلاۋاتاتتى.

ئەكبەر «سوقمان ئىستىراھەت گۇڭشېسى»دىكى بىر پۇقراۋى قونالغۇنىڭ خوجايىنى. ئەكبەرنىڭ خوتۇنى سودىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئالاھىتەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ تاماق ئېتىشنى ئۆگەندى، ئەر-خوتۇن ئىككىيلەن يەنە مىللىي ئالاھىدىلىكنى پۇقراۋى قونالغۇنى بېزەشكە سىڭدۈردىۋە يېڭىدىن ئۆي ئىچى ئاشخانىسى، تازىلىق ئۆيى، تاماقخانىسى سالدى.

يېقىندا، بىر خەۋەر سوقمان كەنتىنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈردى: «سوقمان ئىستىراھەت گۇڭشېسى» دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئىلتىماس قىلدى.

سوقمان كەنتى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرىغا قاراشلىق بولۇپ، بەرپا قىلىنىۋاتقان «سوقمان ئىستىراھەت گۇڭشېسى» 400 موغا يېقىن سۇلۇق يەر ئەتراپىغا قۇرۇلغان. ئىككى يىل ئىلگىرى بۇ سۇلۇق يەر بىر مەھەل تاشلىنىپ قالغان، سېسىق سۇ ئېقىپ، ئەخلەتلەر لەيلەپ، كەنت ئاھالىلىرى تەرىپىدىن «ئەخلەت ئارىلى» دەپ ئاتالغان.

بۇرۇنقى «ئەخلەت ئارىلى»قانداق قىلىپ «يېشىل ئوكسىگېنخانا»غا ئايلاندى؟

«ئېكولوگىيەقەرزىنى تولۇقلاپ، ئۇنى ئېكولوگىيە پايدىسىغا ئايلاندۇرايلى!» 2018-يىلى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ سوقمان كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى پىكىر يولىنى ئۆزگەرتىپ، «ساياھەت + نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئەندىزىسى»نى ئاچتى.

سوقمان كەنتىنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى مول بولۇپ، دۆلەت يولىغا يېقىن، ساياھەت كەسپىنىڭ ئىچكى ئېھتىياجغا تۈرتكە بولۇش ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك. خىزمەت ئەترىتى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: «سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش بىلەن بىللە، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ، سۇلۇق يەرنى چۆرىدەپ باغۋەنچىلىك تېرىقچىلىقى، ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشنى بىرلەشتۈرۈپ، سوقمان كەنتىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك».

خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئۇزاق ئۆتمەي ئەلرايىنىتوپلاش ئاساسىدا، شىنجاڭ تولۇق كۆرۈنۈشلۈك ساياھەت پىلانلاشيۇرتىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، «سوقمان ئىستىراھەت گۇڭشېسى»نى پىلانلاپ لايىھەلىدىھەمدە 1-قارارلىق تۈر قۇرۇلۇشىغا 8 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلىدى.

ئىككى يىلدىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن بىرلىشىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئاھالىلەرنىڭ ياتاق شارائىتىنى ياخشىلاش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، سوقمان يېزا-كەنت ساياھەت مۇلازىمەت كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، سوقمان كۆلىنى مەنزىرە رايونىنىڭ يادروسى قىلىپ، 41 ئائىلىلىكنى ئۆي-جاي، مېۋىلىك باغ قاتارلىق مۈلۈكلىرىنى پاي قىلىپ قوشۇشقا سەپەرۋەر قىلىپ، ئۆزگىچە پۇقراۋى قونالغۇ بەرپا قىلدى.

«قۇرۇلۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، بىز ئومۇمىي خەلقنى سەپەرۋەر قىلىپ، بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كۆل يۈزى ۋە ئەتراپتىكى قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرىدىن 50 توننىغا يېقىنتازىلىدۇق.» «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجى تۇرسۇنجان سىدىق سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «تەشۋىق قىلىش، سەپەرۋەر قىلىش ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى قاتناشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىلگىرىكى قالايمىقان ئەخلەت تۆكىدىغان ئەھۋاللار تۈگىدى، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى مۇھىت ئاسراش پىدائىيلار قوشۇنىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، يېشىل يۇرتنى قوغدىغۇچىلاردىن بولدى».

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، مەنزىرە رايونى پىلان جەھەتتە سۇلۇق يەرنىڭ ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ئەتراپنى بويلاپ ياغاچ ئاسما يول، سەيلە-ساياھەتراۋىقى، مۇھىت ئاسراش ھاجەتخانىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەرنى ياساپ، دالىدا قونۇش، بېلىق تۇتۇش قاتارلىق ئىستىراھەت تۈرلىرىنى كىرگۈزگەن. خىزمەت ئەترىتى يەنە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ پەن ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك تاۋۇز، قوغۇن، كۆممىقوناق قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈپ، كۆلگە 100 مىڭ بېلىجان قويۇپ بېرىپ، كۆل بويىغا 100 مو ئۈجمە دەرىخى تىكتى.

ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، ھازىرقى سوقمان كەنتىنىڭ ھەممە يېرىدە مەنزىرە بار. ئاق قوتان، لەيلەك قاتارلىق 10 نەچچە خىل قۇش بۇ يەرگە ماكانلاشتى؛ ياۋا ئۆردەك، ياۋا توشقان، سۇغۇر ئورمانلىقتا گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ غايىب بولىدۇ؛ ئېكولوگىيە ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، سۇ، بېلىق، ئوغۇت، ئورگانىك كۆكتاتلارئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى... سوقمان كەنتى «يېشىللىق»نى قوغلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.

«بىز بۇ يىل 10-ئايدا تىجارەتنى باشلاشنىپىلانلىدۇق، ۋاقتى كەلگەندە 100دىن ئارتۇق كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپكىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز» دېدى سوقمان كەنتىنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچى تولۇپ تاشقان تۇرسۇنجان. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز يېزا مۇھىتىنى تۈزەشنى داۋاملىق تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاپ، يىراقنى كۆزلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، سوقمان كەنتىنى يۇرتداشلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان گۈزەل ماكانىغا ئايلاندۇرىمىز».