بۇ يىل كۈزدىكى تۇنجى تۈركۈمدە ئېكسپورت قىلىنىدىغان كورلا نەشپۈتى توشۇلۇشقا باشلىدى

日期:2020年08月25日
来源:天山网
【字体:

8-ئاينىڭ 16-كۈنى، كورلا شەھىرىدىكى بىرئەشيا ئوبوروت كارخانىسىنىڭ ساقلاش ئامبىرىدا، ئىشچىلار كورلا نەشپۈتىنى ئايرىپ قاچىلىماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرلارجاڭ خۇيجياڭ، چۆ. خۇرە، جاۋ شۇاڭ،ئىختىيارىي مۇخبىرخۇ خاۋخاۋخەۋىرى،فوتوسى):يېقىندا، بۇ يىل كۈزدىكىتۇنجى تۈركۈمدە ئېكسپورت قىلىنىدىغان كورلا نەشپۈتى توشۇلۇشقا باشلىدى، ئېكسپورت قىلىنىدىغان نەشپۈت 30.656 توننىغا يەتتى. مۇخبىرلار كورلا شەھىرىدىكىبىر ئەشيا ئوبوروت كارخانىسىنىڭ ئامباردا ساقلاش نەق مەيدانىدائالدىراش مەنزىرىنى كۆردى، ئېكسپورت قىلىنىدىغان نەشپۈتلەرسىرتقى كۆرۈنۈشى بويىچە تاللاش، يۇقىرى بېسىملىق سۇدا يۇيۇش، ئادەم كۈچى ئارقىلىقتازىلاش، تەبىئىي قۇرۇتۇشتىن ئىبارەتتۆت «ئۆتكەل»دىنئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئوراپ ساندۇققا قاچىلىنىپ توشۇلىدۇ.

بۇ كارخانىنىڭمەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ يىل 3000 توننا نەشپۈت ئېكسپورت قىلىشنى مۆلچەرلىدۇق، مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسى جۇڭگو تاموژنىسىدائېكسپورت قىلىشنى رويخەتكە ئالدۇرۇلغانباغلاردىن كېلىدۇ، ھازىر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خېرىدارلار بىلەن تەمىنات-سودا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدۇق.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى نەشپۈتنىڭ ئېكسپورت مىقدارى تېز ئاشتى. ئىستاتىستىكىغائاساسلانغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا نەشپۈتىنىڭ يىللىق ئېكسپورت مىقدارى 20 مىڭ توننىدىن 30 مىڭ توننىغىچە بولغان. كورلا شەھىرى نەشپۈت مېۋە-چېۋە بازىرىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، 2007-يىلىدىن باشلاپ نەشپۈت ئېكىسپورت قىلىشنى رويخەتكە ئالدۇرغان مېۋىلىك باغلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش بازىسى قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغاقويدى ھەمدە ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، مېۋە-چېۋە كارخانىلىرى ۋە باغۋەنلەرنىڭ ئېكسپورت قىلىشنى رويخەتكە ئالدۇرغان مېۋىلىك باغلارنىراۋاجلاندۇرۇشىغائىلھام بەردى. 2019-يىلىغىچە، كورلا شەھىرى بويىچەئېكىسپورت قىلىشنى رويخەتكە ئالدۇرغان مېۋىلىك باغ كۆلىمى 32 مىڭ 300 موغا يەتتى.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق سودا ئىدارىسى سودىگەر چاقىرىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پەن زىباۋ مۇنداق دېدى: «بايىنغولىن ئوبلاستى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش بازىسى بەرپا قىلىش نىشانىنى چۆرىدەپ، دۆلەت دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش بويىچە سەككىز ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئىككى ئۆلكە دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇردى. بايىنغولىن ئوبلاستى كېيىنكى قەدەمدە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تەرەققىيات نىشانىنى چۆرىدەپ، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ ئىلمىيلىكى، ئۆلچەملىشىشى، بازارلىشىش سەۋىيەسىنى نۇقتىلىق ئۆستۈرۈپ، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ».