يېزا ئىگىلىك بانكىسى بىڭتۇەن تارماق بانكىسى: نامراتلارنى يۆلەش يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ﺑﺎزىرىنى ﻛﯧﯖﻪيتىپ، سېتىش ﻣﯩﻘﺪارىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشتى

日期:2020年08月24日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلارما چاۋ، ياڭ ياڭ): بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسىشىنجاڭ بىڭتۇەن تارماقبانكىسى ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، سېتىشقا ياردەم بېرىش، بىۋاسىتە سېتىۋېلىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش سودا شەھەرچىسى ئېچىشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتىن تەۋەلىكىدىكى نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازىرىنى كېڭەيتىپ، سېتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، نامرات رايونلاردىكى كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشى ۋە نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

نامرات رايونلاردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، يېزا ئىگىلىك بانكىسى بىڭتۇەن تارماقبانكىسى سىستېمىسىنىڭبايلىقئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، ھەمكارلىق خېرىدارلىرىكەسىپ زەنجىرىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى كېڭەيتىپ، نامرات رايونلاردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىتېرىش، ئىشلەپچىقىرىش، ئوبوروت قىلىش تۈرىدىكى كارخانىلارغا پائال ۋاسىتىچى بولدى، تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازارلىرى، ئوبوروت كارخانىلىرى، چوڭ تىپتىكى تاللا بازارلىرىنىڭ نامرات رايونلاردىكى يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ۋە خام ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشىنى ماسلاشتۇردى ھەمدە سېتىشنى مەنبەدىن بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇپ، دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، نامرات رايونلاردىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

ھازىرغىچە، بۇ بانكا جەمئىي 10 مىليون 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا ياردەم بەردى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات رايونلاردىكى 25 باشلامچى كارخانا، ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا ياردەملىشىپ، ھەسەل، قۇرۇق مېۋە، مېۋە-چېۋە قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېزا ئىگىلىك بانكىسى خېرىدارلىرىغا سېتىشىپ بەردى،تور سىرتىدا جەمئىي5 مىليون 600 مىڭ يۈەنلىك مەھسۇلاتسېتىلدى.