«شىنجاڭنىڭ مېۋىسىنى شەرققە يەتكۈزۈش» سېتىشقا ياردەم بەردى، ئونسۇنىڭ مىڭ توننا گالا ئالمىسى تۇنجى تۈركۈمدە جىنخۇاغا يەتكۈزۈلدى

日期:2020年08月24日
来源:天山网
【字体:

ئون مىڭ چاقىرىملىق ئون يىللىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يولى جىنخۇا شەھىرى بىلەن ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ رىشتىنى بىر-بىرىگە مەھكەم باغلىدى. 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، گالا ئالمىسى قاچىلانغان جىنخۇا-ئونسۇ خەلقىنىڭ دوسلۇقى مۇجەسسەملەنگەن چوڭ يۈك ئاپتوموبىللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكياز بازىرىدىن يولغا چىقتى.

  «بۇ 100 توننا گالا ئالمىسى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ بۇ يىل تۇنجى تۈركۈمدە جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنخۇا شەھىرىگە ماڭدۇرغان ئالمىسى، شۇنداقلا بىز ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئىمزالىغان 1000 توننا گالا ئالمىسى سېتىش توختامىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، 8-ئاينىڭ 23-كۈنى يەتكۈزۈپ بېرىلىشى مۆلچەرلەندى. كېيىنكى قەدەمدە، يەنە تېخىمۇ كۆپ گالا ئالمىسى ئونسۇ ناھىيەسىدىن تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ جىنخۇاغا توشۇلىدۇ» دېدى ئەمدىلا «شىنجاڭنىڭ مېۋىسىنى شەرققە يەتكۈزۈش» ۋە 1000 توننا ئالمىنى تۇنجى تۈركۈمدە جىنخۇا شەھىرىگە يەتكۈزۈش مۇراسىمىغا قاتناشقان جىنخۇا شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى تاۋ گوجيەن.

  2010-يىلىدىن باشلاپ، جىنخۇا شەھىرى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شىسىنىڭ 5-تۇەنىگە نىشانلىق ياردەم بېرىشكە باشلىدى. ئون يىلدىن بۇيان، جىنخۇا شەھىرى بازارنىڭ چوڭ ۋە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يۇقىرى ھوسۇللۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ تۈر، مەبلەغ ۋە تېخنىكا كىرگۈزۈش ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىش سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ھەر تەرەپلىمە، كۆپ يوللۇق «شىنجاڭنىڭ مېۋىسىنى شەرققە يەتكۈزۈش» سېتىش ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 10 مىڭ چاقىرىمنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، ئىككى ئۇچنى تۇتاشتۇرىدىغان «ئون شەھەر يۈز دۇكان» بازار تورىنى بەرپا قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئونسۇ ناھىيەسى بىلەن بىڭتۇەن 1-شىسىنىڭ 5-تۇەنى ئالما ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايون بولۇپ، 5-تۈەن يەنىلا «ئالما ئالاھىدە بازىرى» ئىكەن. ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك مۇھىت، كۈن نۇرىنىڭ يورۇتۇش شارائىتى ياخشى، يەنە قار سۈيى بىلەن سۇغىرىلىدىغان بولغاچقا، قۇمساڭغۇ تۇپراقتا ئۆستۈرۈلگەن ئالمىنىڭ يۈزى سىلىق، رەڭگى پارقىراق، پوستى نېپىز، ئېتى چۈرۈك، تەمى ئىنتايىن ياخشى ئىكەن.

  جىنخۇا شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى تۈر كەسپى گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى ۋاڭ گوجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش سۇپىسى قۇرۇش ئارقىلىق، توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، جىنخۇا شەھىرى ئاھالىلىرى يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان ئەلا سۈپەتلىك مېۋىلەرنى يېيىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى ھەم نىشانلىق ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشى ئاستا بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى. ھازىر جىنخۇا قاتارلىق جايلار 80دىن ئارتۇق سېتىش ئەمەلىي دۇكىنى ئېچىپ، ھەر يىلى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى 20 مىڭ توننىدىن ئارتۇق سېتىشىغا ياردەم بەردى.

  يۇقۇم مەزگىلىدە، ئىلگىرىكى يىللاردا سېتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتقان گالا ئالمىسىدا سېتىلىش قىيىنچىلىقى كۆرۈلدى. جىنخۇا شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، جىنخۇا شەھەرلىك تەمىنات-سودا كوپىراتىپى، فۇتەيلۇڭ تاللا بازىرى، جېجۇڭ لىنىيەسى قاتارلىق كۆپلىگەن سېتىش كارخانىلىرى يۈنجى تورى، پىڭدودو قاتارلىق توردا سېتىش سۇپىلىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا زاكاز قىلىش ئەندىزىسى ئارقىلىق سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، 1000 توننا گالا ئالمىسىنى سېتىش توختامى ئىمزالىدى.

  «جىنخۇا شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى بىزنى مەبلەغ ۋە تېخنىكا بىلەن تەمىنلەپ، باغ-ئورمانچىلىق ئىقتىسادىمىزنى تەرەققىي قىلدۇردى، بۈگۈن يەنە بىزنىڭ بازىرى كاسات يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىمىزنى سېتىشىمىزغا ياردەم بېرىپ، بىزنىڭ چوڭ قىيىنچىلىقىمىزنى ھەل قىلىپ بەردى» دېدى ئونسۇ ناھىيەسى كۆكيار بازىرى كۆكيار كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يۆ دىڭچۈەن.

  ئاقسۇ شەھەرلىك بېنلەي ميەنمۇ باغۋەنچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى سۈن بېيجىڭ مۇنداق دېدى: «كوپىراتىپىمىزدا ھازىر 30 نەچچە ئەزا بار، ئۇلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك نامرات ئاھالە. بۈگۈنكى ‹شىنجاڭنىڭ مېۋىسىنى شەرققە يەتكۈزۈش› پائالىيىتى ئالما قاتارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىشىغا زور ياردەم بېرىپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.»

  «2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىدىغان يىل، جىنخۇا شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى جىنخۇا شەھىرىنىڭ بازار ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى پارچە سېتىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق كىرگۈزۈش-چىقىرىشنى قوللاپ، ئېتىز-ئېرىق بويلىرى ۋە بازارلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئونسۇ ناھىيەسىدىكى باغۋەنلەرنىڭ ھوسۇلى ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەيدۇ!» دېدى تاۋ گوجيەن.