بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق قۇغۇن سېتىش ئالدىراشچىلىقى

日期:2020年08月22日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلارما جياۋجياۋ، ليۇ خەييەن):«شۇگۇاڭ كەنتىنىڭ قوغۇنى ھەم تاتلىق، ھەم تەملىك، كۆپچىلىكنىڭ سېتىۋېلىشىنى قارشى ئالىمىز، شۇگۇاڭنىڭ قوغۇنلىرى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قەلب ئېتىزىنى سۇغىرىدۇ!» يېقىندا، بىر 1-شۇجىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپقوغۇن ساتقانلىقى توغرىسىدىكى بىر ئۇچۇرۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقالدى.

ئەسلىدە، بۇ دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ سانجى شەھىرىيۈشۇگوۋ بازىرى شۇگۇاڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى قوغۇن سېتىش يولى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئويلاپ تاپقان ئەمەلىي تەدبىرئىدى. 1-شۇجى يەنە سانجى شەھىرىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، شۇگۇاڭ كەنتىنىڭ قوغۇنلىرىنى ۋاكالىتەن تونۇشتۇردى، ھازىر 2000 توننا قوغۇن ئوڭۇشلۇق سېتىلىپ بولدى.

«خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە قوغۇننىڭ ياخشى سېتىلىشىنى ئويلىماپتىمەن، ئەترەت ئەزالىرى بىزگە ياردەم قىلىپ قوغۇن ئۈزۈشۈپ،توشۇشۇپ بەردى،ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ سېتىشىپ بەردى، بىز ئىنتايىن مىننەتدار بولدۇق» دېدى قوغۇنچى دېھقان ما يۈفۇ خۇشال ھالدا.

ئىگىلىنىشىچە، خىزمەت ئەترىتىكەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغاندىن بۇيان، تەشەببۇسكارلىق بىلەن پىلانلاپ، ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قوغۇنچىلىق كەسپىنىڭ ئەۋزەللىكىنىزورايتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە، ئىلگىرىكى كۆممىقۇناق، كېۋەز قاتارلىق ئەنئەنىۋى زىرائەتلەرنى تېرىشتىن قوغۇنئۆزگىچە تېرىقچىلىقىغا ئۆتۈپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقاپائال رىغبەتلەندۈرگەن ۋە يېتەكلىگەن. ھازىر، شۇگۇاڭ كەنتىنىڭ قوغۇن تېرىقچىلىقكۆلىمى 2000 مو ئەتراپىدا بولۇپ، مەھسۇلاتى گۇاڭدۇڭ، نىڭشيا قاتارلىق ئۆلكىلەرگە سېتىلىۋېتىپتۇ، كىچىككىنە قوغۇن دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى «ئالتۇن تۇخۇم»غا ئايلىنىپتۇ.

ھازىر ئۈزۈش، سېتىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، خىزمەت ئەترىتى دېھقانلارغا ياردەم بېرىش ئەترىتى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئەمگەك كۈچى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، دېھقانلارنىڭ تېز يىغىشىغا ياردەم بېرىپ، ياخشى باھادا ساتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار تارماقلارنى پائال ماسلاشتۇرۇپ، شۇگۇاڭ كەنتى مېۋە-چېۋە مەھسۇلاتلىرى سودا نۇقتىسى تەسىس قىلدىھەمدە سانجى شەھەرلىك باج ئىدارىسىدىكى بارلىق كادىرلارنى ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىدىن پايدىلىنىپ سېتىش ئۇچۇرلىرىنى تەشۋىق قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى، تاۋباۋ، دوۋيىن قاتارلىق تور سۇپىلىرىدىن پايدىلىنىپ، توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.