ياخشى ئادەم ياخشى ئىش丨دەرمان ئەپچىل قولىدا «بېيىش گۈلى» كەشتىلەپ چىقتى

日期:2020年08月17日
来源:天山网
【字体:

   بىر يىڭنە، بىر يىپ، بىر جۈپ قول، ئەپچىل ھەرىكەتلەنمەكتە. بىر پارچە كىگىز ئۈستىدە، دەرماننىڭ قولىدىكى كەشتە يىڭنىسى ئاستى-ئۈستىدىن توختىماستىن تېشىپ ئۆتۈپ، موڭغۇل مىللىتىنىڭنەپىسقول-ھۈنەر كەشتە بۇيۇمىكەشتىلىنىپ چىقىلدى.

  شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى باغراش ناھىيەسى بۇمبۇت بازىرى نايىنتولغاي كەنتىدە، نۇرغۇن يېزا ئايالىپىششىقكەشتىچىلىك ھۈنىرىنى دەرماندىن ئۆگەنگەنىدى. دەرمان بۇ كەنتتىكى قول-ھۈنەر كەشتىچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى، شۇنداقلا 2-تۈركۈمدىكى ئاپتونوم ئوبلاست دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراس تۈرى «موڭغۇل مىللىتىنىڭ كىگىز كەشتە نەقىشى» نىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ۋارىسى.

  نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، نايىنتولغاي كەنتىنىڭ كەنت كادىرلىرى نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى موڭغۇل مىللىتىنىڭ قول-ھۈنەر كەشتىچىلىكدېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرگەن ھەم يېتەكلىگەن، دەرمان باشلامچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرىنچى بولۇپ كوپىراتىپقا ئەزا بولغانىدى.

  «باشلامچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن كەنتتىكىلەرنى كىرىمىنىئاشۇرۇشقا يېتەكلەشكە مەسئۇل بولۇشۇم كېرەك.» دەرماننايىنتولغاي كەنتىدىكىئالدى-كەينى بولۇپ 30غا يېقىننامرات ئايالنىڭقول-ھۈنەر كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا ئەزا بولۇشىغاباشلامچى بولدى، ئۇلارنى تېخنىكا جەھەتتىن ھەقسىز تەربىيەلىدى. گۈل كەشتىلەيدىغان، قول-ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياسايدىغانلار بار بولۇپ، كۆپچىلىك قول-ھۈنەر كەشتىچىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بىر ياقتىن ئىش قىلغاچ، يەنە بىر ياقتىن پىكىرلىشىدۇ، ئۆزئارا ئۆگىنىدۇ، ئورتاق ئىلگىرىلەيدۇ.

دەرمان (سولدا) كەنتتىكى ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن بىرلىكتە كىگىز كەشتە نۇسخىسى سىزماقتا.

  موڭغۇل مىللىتىنىڭ كەشتىچىلىكىگە تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، دەرمان كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى ئۆگەندى. ئۇ تورغا چىقىپ تېخىمۇ كۆپ كەشتە گۈل نۇسخىلىرىدىن پايدىلىنىپ، بارا-بارا ئەنئەنىۋى گۈل نۇسخىلىرىغا زامانىۋى ئېلىمېنتلارنىكىرگۈزدى، ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسىدا دۇكان ئەنگە ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە نايىنتولغاي كەنتىدىكى موڭغۇل مىللىتىنىڭ قول-ھۈنەر كەشتىچىلىكىنى تونۇتتى.

  نۇرغۇن ساياھەتچى باغراش كۆلىدە تەملىك خاس يېمەك-ئىچمەكنى تېتىغاندىن كېيىن، نايىنتولغاينىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ بۇ يەرگە كېلىدۇھەم بىر نەچچە خىل قول-ھۈنەر كەشتىچىلىك بۇيۇملىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تاللىۋالىدۇ.

  دەرمان كەشتىلىگەن كىگىزلەرنى رەتلىمەكتە. (سۇ جيەن فوتوسى)

  بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى توغرىلىق سۆز بولۇنسا،دەرماننىڭچىرايى ئىشەنچكە تولىدۇ. «ھازىر، كوپىراتىپتىكى ئەزالارنىڭ يىللىق كىرىمى ئون مىڭ يۈەندىن ئاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشىكى ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئۆيىدىكىلىرىنىڭھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا تەسىر يەتمەيدۇ، مېنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئاچا-سىڭىللارنى باشلاپ بېيىش يولىغا مېڭىشقا ئىشەنچىم بار».