شىنجاڭ تېكەس ناھىيەسى: كەشتىلەش شەكلىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش

日期:2020年08月17日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 8-ئاينىڭ 10-كۈنى تېلېگراممىسى:تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى قاراتوقاي بازىرى ئەشكىلىك كەنتىدە ئۆزگىرىش بولدى، بۇ ئۆزگىرىشكە، بۇ يەردە ياشاۋاتقان 500 نەچچە ئائىلىلىك چارۋىچىمۇ ئىشەنمەيلا قالغانىدى. مىڭ چاقىرىملىق چارۋىچىلىق رايونى، ئالتۇن رەڭلىك كەنت، چارۋىچىلىق رايونىنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتكىنى شۇ جايدا ئۇدا يولغا قويۇلغان كەشتىلەش شەكلىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئىدى.

 بۇ 6-ئاينىڭ 29-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى تېكەس ناھىيەسى قاراتوقاي بازىرى ئەشكىلىك كەنتىدىكى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسى

(ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىۋاڭ فېيفوتوسى)

ئۈچ يىل ئىلگىرى، قازاق تىلىدا «ئالتۇن رەڭلىك كەنت» دېگەن مەنىدىكى ئەشكىلىك كەنتى تىپىك تاغلىق رايوندىكى نامرات كەنت ئىدى. ناھىيە بازىرىغا بارىدىغان يول ئوڭغۇل-دوڭغۇل، كالا تېزىكى، ئات تېزىكىنى ھەممىلا يەردە ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولۇپ، ئۆيلەرمۇ ئەسكى ئىدى. چارۋىچىلار ئۇزۇن يىل يازلىق ۋە قىشلىق چارۋىچىلىق مەيدانىغا كۆچۈپ تۇرغاچقا، تۇرمۇشتا كالا، قويلارغا تايىناتتى، داۋالاش، مائارىپقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايتتى.

بۇ ئۆزگىرىشلەر 2017-يىلى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى بۇ يەرگە كەلگەندىن باشلاپ تېزلەشتى. خىزمەت ئەترىتى ئومۇميۈزلۈك ئائىلىلەرگە كىرىپ، ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ئېنىقلاپ، ئەڭ چەت-ياقا يەردىكى چارۋىچىلارنىڭ ئۆيلىرىگىچە باردى، ھەتتا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، موتوسىكلىت مىنىپ، ئاتلىق توققۇز كۈندە 1200 كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈردى.

خىزمەت ئەترىتى شۇ جاينىڭ چارۋىچىلىق ئەۋزەللىكىنى جانلاندۇرۇپ، كەنتتە ئۆچكە باقمىچىلىقى، قوڭۇر كالا(褐牛)باقمىچىلىقى، ھەسەل ھەرىسى بېقىش قاتارلىق يەتتە ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى، نامرات ئائىلىلەر پاي قوشۇپ پايدا تەقسىملەندى، چارۋىچىلارنىڭ ئەنئەنىۋى تېخنىكىسى يوقاپ كەتمىدى. بۇلتۇر، 560 نەپەر نامرات ئائىلىگە 150 مىڭ يۈەنگە يېقىن پايدا تەقسىم قىلىندى.

2019-يىلى، ئەشكىلىك كەنتىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 16 مىڭ 784 يۈەنگە يېتىپ، 2016-يىلىدىكىدىن ئاز كەم ئىككى ھەسسە قاتلاندى، كەنت ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى ئون يۇلتۇزلۇق ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى بولۇپ باھالىنىپ، ئىلگىرىكى نامرات كەنت ھەقىقىي «ئالتۇن رەڭلىك كەنت»كە ئايلاندى.

بۈگۈنكى كۈندە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن چارۋىچىلىق رايونىدىكى يېزا-كەنتلەردە ئەشكىلىك كەنتىگە ئوخشاش ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى.

(ئاپتور:شيۇڭ سۇڭرۇ، جاڭ شياۋچېڭ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى)