چارۋىچىلار كۆك ياقىلىقلارغا ئايلاندى

日期:2020年08月16日
来源:天山网
【字体:

 شىنخۇا تورى خەۋىرى:يېقىندا، شىنجاڭ نىلقا ناھىيەسى سۇپتاي يېزىسى بۇربوسۇڭ كەنتىدىكى شىياڭگۇ پارنىكىدا، ئالدىراش مول ھوسۇل مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولاتتى. بۇ ئالدىراش ئىشچىلار بىر يىل ئىلگىرى چارۋىچى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار كۆك ياقىلىق ئىشچىلارغا ئايلاندى.

نىلقا ناھىيەسى سۇپتاي يېزىسى بۇربوسۇڭ كەنتى ئىلى دەريا ۋادىسى بويىغا جايلاشقان، ياخشى تەبىئىي بايلىققا ئىگە بولۇپ، شىياڭگۇ ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى ماس كېلىدۇ.

«نامراتلىقتىن تېز قۇتۇلدۇرۇشتا، پۈتۈنلەي كەسىپ بەلبېغىغا تايىنىش كېرەك؛ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇشتا، كەسىپنى ئالدىن يولغا قويۇش كېرەك.» 2019-يىلى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىقپارتىيە كومىتېتىسىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە نىلقا ناھىيەسى سۇپتاي يېزىسى بۇربوسۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى چارۋىچىلارغا پائال يول باشلاپ، يول كۆرسىتىپ، ئىدىيەسىنى يېڭىلاپ، شىياڭگۇ ئۆستۈرۈش كەسپىنى كىرگۈزدى.

«ئىشىك ئالدىدا شىياڭگۇ بازىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر كۈنى بۇ يەرگە كېلىپ شىياڭگۇ ئۈزۈپ، ئايرىپ بىر ئايدا 2000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپقىلى بولىدۇ.» خىزمىتنى تىلغا ئالغاندا، باخشاگۈل مۇسا ناھايىتى پەخىرلەندى، «ئائىلەمدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايمەن ھەم پۇل تېپىپ ئۆينى باقالايمەن.» ئۇنىڭغا ئوخشاش، كەنتتىكى ئون نامرات چارۋىچى شىياڭگۇ ئۆستۈرۈش پارنىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا ئىشلەپ، ئىشىك ئالدىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتىسىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس خادىمى فەن لېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بۇ يىل خىزمەت ئەترىتى 400 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ توپلاپ، ئەسلىدە بار بولغان بەش پارنىكنى ئۆزگەرتتى؛ يېڭىدىن ئۆلچەملەشكەن بىر شىياڭگۇ پارنىكى ياسىلىپ، ئالدىنقى ئىككى ئايدا مەھسۇلات قىممىتى 100 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ھازىر، شىياڭگۇنىڭ سېتىلىش يولى ئېھتىياجنى قاندۇرالمىدى. كېيىنكى قەدەمدە ئاساسلىق زېھنىي كۈچىمىزنى كەنت ئاھالىلىرىنى شىياڭگۇ تېرىش ۋە سېتىشقا سەپەرۋەر قىلىشقا قارىتىپ، بۇربوسۇڭ كەنتىنىڭ شىياڭگۇ كەسپىنى بارغانسېرى زورايتىمىز، بارغانسېرى كۈچەيتىمىز. »

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، نىلقا ناھىيەسى خاس كەسىپلەرنى كۈچەپ راۋاجلاندۇرۇپ، «بىر يېزىدا بىر كەسىپ، بىر كەنتتە بىر مەھسۇلات»نى سىجىل بەرپا قىلىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىق ئۇدۇللاشتۇرۇش بازىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، نامراتلارنى يۆلەيدىغان يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق نامرات ئاممىنىڭ كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتتى.