موڭغۇلكۈرە دابەسەينىڭ سېتىلىشىدىن غەم قىلمايدىغان بولدى

日期:2020年08月14日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرليۇ لىجۈن،ئارزىگۈلھەبدىشخەۋىرى، فوتوسى): 8-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ خونۇقاي بازىرى كىسىك كەنتىدىكى كۆكتات بازىسىدا، 160 مو يەردىكى دابەسەيدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ياپيېشىل دابەسەيلەر كىشىنى جەلپ قىلاتتى. دېھقان شاۋ فېڭ بىلەن شۈ شاۋجۈن 10 نەچچە دېھقاننى باشلاپ كۆكتات ئۈزۈش، ئوراش، جىڭلاش، ئاپتوموبىلغا قاچىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇلار ئۈزگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى دابەسەي تۈگەي دەپلا قالغان ئىدى، يېقىنلا يەردە ناھايىتى ياخشى ئۆسكەن ئىككىنچى تۈركۈمدىكى دابەسەي 8-ئاينىڭ 26-كۈنى بازارغا سېلىنماقچى ئىدى.

دېھقان دابەسەي ئۈزمەكتە.

موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى ئېگىز تاغ ئارىسىغا جايلاشقان بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2000 مېتىر كېلىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەسى ئەۋزەل، ھۆل-يېغىن مىقدارى مول، تۇپرىقى مۇنبەت، ھاۋاسى ساپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى℃13~℃25 قىچە بولۇپ، 317 مو ئېگىز تاغلىق بىنەم يەردىن چىقىدىغان دابەسەينىڭ سۈپىتىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلغىلى بولاتتى.

خونۇقايبازىرىدا توققۇز كەنت بار، ئۇزۇن مۇددەت دابەسەي تېرىيدىغانلار پەقەت كېسىك كەنتى بىلەن قاراسۇ كەنتىدىلا بار. كېسىك كەنتىدە 138 ئائىلە، 544 ئادەم بار. دەسلەپتە، بۇ كەنت يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەريانىدا، 3000 مو يەرنى كۆكتات تېرىشقا ئىشلىتىشنى پىلانلىدى. يېقىنقى 20 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، بۇ بازىدا تېرىلغان دابەسەي، باش پىياز، ئوسۇڭ، سەۋزە، ياڭيۇ، سامساق قاتارلىق كۆكتاتلار كۆلەملەشتى، بولۇپمۇ دابەسەينىڭ سۈپىتى ياخشى، بازارغا بالدۇر سېلىنىدۇ، ساقلاشقا، توشۇشقا چىداملىق، ئاساسلىقى ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق جايلارغا سېتىلىدۇ، ئاقسۇ، ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە قاتارلىق جايلار بازىرىدىمۇئالقىشقا ئېرىشتى.

«بۇ يىل، 55 مو يەرگە دابەسەي تېرىدۇق. 7-ئاينىڭ 15-كۈنى بازارغا سېلىنغاندىن ھازىرغىچە، ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى توققۇز توننا بولۇپ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ بازاردىكى توپ سېتىشباھاسى ئىككى يۈەندىن 2.5 يۈەنگىچە بولدى.» شۈ شاۋجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «موڭغۇلكۈرە دابەسىيىنىڭ تەمى ياخشى، شىنجاڭلىقلار ياخشى كۆرىدىغان لەڭمەن ئېتىشكە، يەنە بەسەي فېنتياۋروۋ قورۇشقا، چىلىغان سەي قىلىشقابەك ماس كېلىدۇ.»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى ئۇرۇقچىلىق پونكىتى كورېيەنىڭ «شىچۈن» ماركىلىق دابەسەي ئۇرۇقىنى كىرگۈزدى، دېھقانلار سىناق قىلىپ تېرىغاندىن كېيىن، بۇ سورتنىڭ موڭغۇلكۈرەدە تېرىشقا ناھايىتى ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقىدى. مايسا يېتىشتۈرۈش مەزگىلىدىن ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگىچە 80 كۈندىن 90 كۈنگىچە ۋاقىت كېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مايسا يېتىشتۈرۈش مەزگىلى 25 كۈندىن 28 كۈنگىچە، ئۆسۈش مەزگىلى 65 كۈن بولىدۇ. بۇ يىل 4-ئاينىڭ بېشىدا، كېسىك كەنتىدە دابەسەي تېرىغان يەتتە ئائىلىلىك دېھقان پارنىكتا مايسا يېتىشتۈرۈشكە باشلىدى. 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە مايسا يېتىشتۈرۈش مەزگىلى بولۇپ، 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە دېھقانلار تۇنجى تۈركۈمدىكى دابەسەي مايسىلىرىنى تىكتى.

«بۇ يىل، كەنتىمىزنىڭ دابەسەي تېرىلغۇ كۆلىمى بىر قەدەر كىچىك بولغان بىر يىل بولدى، ئويلىمىغان يەردىن بازار ئەھۋالى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ياخشى بولدى.» كېسىك كەنتىنىڭ كادىرى ما يەنچىڭ مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى ئىككى يىلدا، كەنتىمىزدە دابەسەينىڭ تېرىلغۇ كۆلىمى چوڭ بولغانىدى، لېكىن زىيانداش ھاشارات ئاپىتى ۋە مۆلدۈرگە ئۇچرىغانلىقتىن، زىيانغا ئۇچراپ، ياخشى باھادا سېتىلماي قالغانىدى.»

قاراسۇ كەنتىدە، ئون ئائىلىلىك دېھقان تېرىغان 157 مو دابەسەينىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۈزۈپ بولۇندى. قاراسۇ كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى لى فۇجۈن ئېتىزدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋېتىپ، دېھقان لى خۇڭۋەننىڭ ئېتىزىغا كەلگەندە، بىر سودىگەرنىڭ ئۇنىڭ دابەسىيىنى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

بۇ يىل، لى خۇڭۋەن قاراسۇ كەنتىدە 15 مو يەرگە دابەسەي تېرىدى. 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، كۈنەس ناھىيەسىدىن كەلگەن بىر كونا تونۇش سودىگەر ئون توننا سېتىۋالدى. بۇ سودا بىلەن لى خۇڭۋەن تەننەرخنى قايتۇرۇۋېلىپلا قالماي، يەنە بۇلتۇرقى ئومۇمىي كىرىمدىن كۆپرەك كىرىم قىلدى. مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۇنىڭ ئىككىنچى تۈركۈمدىكى سەككىز مو يېرىدىكى دابەسىيى بازارغا سېلىنىدۇ. «يەنە 100 نەچچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلالايدىغانلىقىمنى ئويلىسام، كۆڭلۈم يايراپ كېتىدۇ.» دېدى لى ۋەنخۇڭ.

«كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ھازىر پىدائىيلارنى تەشكىللەپ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە ياردەملىشىپ ئۈزۈش، سېتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ.» لى فۇجۈن مۇنداق دېدى: «ناھىيە، يېزىلاردىكى ھەر دەرىجىلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلار پائال تەدبىر قوللىنىپ، توردا سېتىش سۇپىسى ئارقىلىق تەمىنلەش-تەلەپ ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، سېتىش بازىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.»

«بىز بازارغا سېلىنىدىغان ھەر بىر تۈركۈم دابەسەينى دېھقانچىلىق دورىسى قالدۇقى بويىچە تەكشۈرىمىز، تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولغاندىلا، ئاندىن بازارغا سېلىشىغا رۇخسەت قىلىمىز.» دېدى موڭغۇلكۈرە ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسى ئۇرۇقچىلىق پونكىتىنىڭ پونكىت باشلىقى دېڭ خۇڭمېي.

«بالدۇر بازارغا سېلىنغاچقا، تەمىمۇ ياخشى بولغاچقا، موڭغۇلكۈرە دابەسىينىڭ بازىرى بەك ياخشى.»خونۇقايبازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى گاۋ رۇڭچاۋ مۇنداق دېدى: «ھازىر تەرەققىياتىمىزنى توشۇش مۇساپىسىنىڭ ئۇزۇنلىقى چەكلەپ قويۇۋاتىدۇ، ئىشىنىمەنكى، بۇنىڭدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئۇنىۋېرسال قاتناش-تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشى موڭغۇلكۈرەدىكى دابەسەينىڭ سېتىلىش دائىرىسىنى 200 كىلومېتىردىن 500 كىلومېتىر سىرتىغا كېڭەيتىشكە تېخىمۇ پايدىلىق. شۇ چاغداخونۇقايبازىرى تېرىقچىلىق كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ.»