«مەن قايتىدىن دەس تۇردۇم»

日期:2020年08月11日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتىپۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىجىڭ بوخەۋىرى: «بۇ بىر يىلدا، مەن نامرات ئاھالەقالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدىم؛ بۇ بىر يىلدا، مەن قايتىدىن دەستۇردۇم... »

7-ئاينىڭ 13-كۈنى، 36 ياشلىق نۇرئەلا 2017-يىلى يۈزبەرگەن ئىشلارنى ئەسلىگىنىدە، ئۇزاققىچە ھاياجىنىنى باسالمىدى.

نۇرئەلا ئۆسمۈر چېغىدا نورمال بالىلارغا ئوخشاش ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناشقا ئامراق ئىدى. بىراق، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپلا، كېسەل سەۋەبىدىن ئىككى پۇتى پالەچ بولۇپ قېلىپ، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. 2014-يىلى، ئۇ ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.

پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ياخشى سىياسىتى نۇرئەلاغا قايتىدىن ئۈمىد بېغىشلىدى. ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتى، 2017-يىلى، «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش شەرەپلىك» گۇۋاھنامىسىئۇنىڭ دەرۋازىسىغا چاپلاندى.

شۇ يىلى نۇرئەلا ئوپېراتسىيە قىلدۇردى. ئوپېراتسىيەدىن كېيىن، ئىككى پۇتى يەرگە تېگىپ، ئۆزىگە تايىنىپ ئورنىدىن دەس تۇرالىغانئاشۇ دەقىقىدە، نۇرئەلا خۇددى چۈش كۆرگەندەك بولدى، ھاياجانلىق كۆز ياشلىرى يۈزىدىن سىرغىپ چۈشتى. ئىلگىرى نۇرئەلا بۇ ئۆمرۈمدە ئەمدى ھەرگىز قايتىدىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ماڭالمايمەن دەپ ئويلىغانىدى، ئەمما، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسىتىدە، ئۇقايتىدىن ئورنىدىن تۇرۇپلا قالماي، يەنە بۇ قېتىمقى ئوپېراتسىيەدە، دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشقا كەتكەن100 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇلنىئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى ۋە داۋالاش ياردىمىئارقىلىق ئاتچوت قىلدۇرغاندىن كېيىن، ئۇ پەقەت 8000 يۈەندىن كۆپرەك پۇل خەجلىدى.

«پارتىيەنىڭ سىياسىتى شۇنچە ياخشى تۇرسا، مەن چوقۇم كۈنلىرىمنى تېخىمۇ ياخشى ئۆتكۈزىمەن»،نامراتلىق ۋە ئىككى پۇتىغا تايىنىپ ماڭالماسلىقتەك قاراڭغۇلۇقتىن خوشلاشقاندىن كېيىن، نۇرئەلا قەتئىي نىيەتكە كەلدى.

پوسكام ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ پۈتۈن ناھىيە بويىچە«گۈزەللەشتۈرۈش ئۆيى» قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرغانلىقىدىنخەۋەر تاپقان نۇرئەلا بىرىنچى بولۇپ تىزىملاتتى. «ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش-چاچ ياساش بويىچە تەربىيەلەش ھەقسىز بولۇپلا قالماي، ناھىيەلىك ئاياللار بىرلەشمىسى يەنە ھەربىر ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە 10 مىڭ يۈەنلىكھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش-چاچ ياساشئۈسكۈنە-سايمانلىرىنى سەپلەپ بەردى.» دېدى نۇرئەلا.

ئىگىلىنىشىچە، پوسكام ناھىيەسى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، بۇ يىل،ئەمگەك ئىقتىدارى بار، تەربىيەلىنىشكە ئېھتىياجلىق60 نەپەر يېزىلاردىكى نامرات مېيىپنىئەمەلىي تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەپ، 147 نەپەرمېيىپ يەككە سودا-سانائەتچىنىڭ ھەربىرىگە 3000 يۈەنلىك بىر قېتىملىق يەككە يۆلەش مەبلىغى تارقاتقان.

2019 ـ يىلى يېڭى يىلدا، نۇرئەلانىڭ ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش-چاچ ياساش دۇكىنى تىجارەت باشلىدى، بۇ، بۇ كەنتتىكى تۇنجى ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش-چاچ ياساش دۇكىنى ئىدى.

باھاسى مۇۋاپىق، مۇلازىمىتى قىزغىن، ئەتراپلىق بولغانلىقتىن، نۇرئەلانىڭ سودىسى كۈندىن ـ كۈنگە جانلىنىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 200 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە كىرىم قىلدى. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ قوللىشى بىلەن، نۇرئەلا قايتىدىن ئورنىدىن دەس تۇرۇپلا قالماي، يەنە ئىككى قولىغا تايىنىپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

«مەن ئۆزۈمنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن بىللە ھاللىق تۇرمۇشقا قەدەم قويالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.» نۇرئەلانىڭ كەلگۈسىگە بولغانئىشەنچى تولۇپ تاشقانىدى.