شىنجاڭ ئالتاي: 10 مىڭدىن ئارتۇق نامرات ئەمگەك كۈچى ئىشقا ئورۇنلاشتى

日期:2020年08月10日
来源:天山网
【字体:

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئالتاي ۋىلايىتى «ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش + ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش-يۆلەش + ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بىلەن تولۇق كاپالەتلەندۈرۈش» تەدبىرىنى قوللىنىپ، نامرات ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، ئىش ئورنىغا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىك، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئالتاي ۋىلايىتىئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم پۇلى سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئىشسىزلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. نۆۋەتتە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى جەمئىي 3000 ئەمگەك كۈچى تەربىيەلىنىپ، نامرات ئائىلىلەردىكى 13 مىڭدىن ئارتۇق ئەمگەك كۈچى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.