بايىنغولىن ئوبلاستلىق باج ئىدارىسى: نامراتلارنى يۆلەش چىلىنى ئېلېكتىرونلۇق سودىدا بازار تاپتى

日期:2020年08月09日
来源:天山网
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلارچېن شىن،جوۋ سىچىنخەۋىرى):يېقىندا، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ شياۋۋەن ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە شياۋۋەن شىركىتى دېيىلدى)دە، خىزمەتچى خادىملار ئىنچىكە تاللاپ پېچەتلەپ قاچىلانغان ئورگانىك چىلانلارنى جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسىنىڭ زاكاز تالونى بويىچە ئىچكىرى رايونلارغا ئەۋەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، باج سىستېمىسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت باج باش ئىدارىسى جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسىدە «سۈيلەيباڭ نامراتلارنى يۆلەش بايراقدار دۇكىنى» ئاچقان، دۆلەت باج باش ئىدارىسى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق باج ئىدارىسى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى تاللاپ، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن تورغا چىقىرىپ ساتقان، بۇمۇ ئاپتونوم رايوننىڭ باج سېستىمىسىنىڭ بۇ سۇپىغا كىرىپ ساتقان تۇنجى مەھسۇلاتى ھېسابلىنىدىكەن. بۇ كەنتنىڭ چىلانلىرى كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغاچقا، ئېتى قېلىن، پوستى نېپىز، ئۈچكىسى كىچىك، تاتلىق بولۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.

بايىنغولىن ئوبلاستلىق باج ئىدارىسىنىڭ چەرچەن ناھىيەسى ئاقتىكەندۆڭ يېزىسى توغراقئېغىل كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ۋاڭ ۋېيمىن مۇنداق دېدى: «باج ئىشلىرى بويىچە چىلان ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش داڭلىق ماركىسى ‹تيەنبيەن شياۋۋەن› 4-ئاينىڭ 29-كۈنى جىڭدۇڭ ‹سۈيلەيباڭ نامراتلارنى يۆلەش بايراقدار دۇكىنى›دا توردا سېتىلغاندىن بۇيان، 800 ساندۇقتىن ئارتۇق سېتىلدى.»