«ئۆيى»دىكى نەرسىلەرنى كەنتكە توشۇش

日期:2020年08月07日
来源:人民网
【字体:

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلارلياڭ جۈن،رېن يەنچىن): «قاراماي رايونلۇق باج ئىدارىسى ئىئانە قىلغان 17 كومپيۇتېر نەقىلەشتى.» «مايتاغ رايونلۇق باج ئىدارىسى ئىئانە قىلغان ئالتە بوغچا كىيىم-كېچەك تەييار بولدى.» «جەرەنبۇلاق باج ئىدارىسىنىڭ ماددىي ئەشيا ئاپتوموبىلى ئىشىك ئالدىدا توختىتىغلىق، ئۆي جاھازلىرى، كومپيۇتېر، كىيىم-كېچەكلەرنىڭ ھەممىسى تەييار بولدى.» يېقىندا، دۆلەتباش باج ئىدارىسى قاراماي شەھەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ ئىشخانا بىناسى ئالدىدا، كوۋ خېڭگې ھەر قايسى رايون باج ئىدارىلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئەمەلىيلەشكەن نامراتلارنى يۆلەش ماددىي ئەشيالىرىنى ساناۋاتاتتى.

  پەيزاۋات ناھىيەسى قوشئاۋات بازىرى ئاياغ يېڭى مەھەللە كەنتىگە 1-شۇجىلىققا تەيىنلەنگەن بۇ ئىككى يىلدا، كوۋ خېڭگې ھەر قېتىم ئۆيىگە قايتقاندا، مەيلى كىيىم-كېچەك، ئاياغ بولسۇن ياكى بىكار قالغان كومپيۇتېر، شاللانغان ئۈستەل-ئورۇندۇق بولسۇن، ئۇ ھەممىسىنى كەنتكە قانداق ئېلىپ كېتىشنى ئويلايتتى.

  2018-يىلى 1-ئايدا، كوۋ خېڭگې كەنتكە بارغاندىن كېيىن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ ۋە كېڭىشىپ، بىر قولدا مەدەنىيەت ئۆگىنىش، بىر قولدا ئىقتىسادنى تۇتۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش تەدبىرىنى تۈزدى.

  ئارقىدىن يەنە «كوپىراتىپ + دېھقان ئائىلىسى» ھەرىكەت ئەندىزىسىنى كىرگۈزۈپ، كەنتتە پەيزاۋات قوغۇنى تېرىش ھەمكارلىق كوپىراتىپى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق تۆت ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. تېرىقچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى پەيزاۋات قوغۇنىنى زور كۈچ بىلەن تېرىپ، شۇ يىلىلا مول ھوسۇل ئالدى؛ يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى كوپىراتىپىنىڭ تۇنجى يىللىق ساپ پايدىسى 85 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

  «بۇ يىل كەنتتە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، ھويلا-ئاران ئىگىلىكى، يېزا-كەنت قوشۇمچە يولى قۇرۇلۇشى، يېڭى تىپتىكى لاپاس قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرىدىن 10نى يولغا قويۇش پىلانلاندى. بۇ تۈرلەر 8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاماملىنىدۇ» دېدى كوۋ خېڭگې.

  ئاياغ يېڭى مەھەللە كەنتىدىن قاراماي شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىق 1700 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، لېكىن خىزمەت ئەترىتى كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، چىن ھېسسىياتى بىلەن ياردەم بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، پەيزاۋات قوغۇنىنىڭ شېرىن تەمىدىن ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ مول نەتىجىلىرىدىنتەڭ بەھرىمەن بولدى.