مەكىت ناھىيەسى: ئالقات تېرىقچىلىقى دېھقانلارنىڭ بېيىش يولىنى كېڭەيتتى

日期:2020年07月29日
来源:人民网
【字体:

 تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرمەرىگۈل مەمەتخەۋىرى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى مەكىت ناھىيەسى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، «ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان» ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ،سورت يېتىشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش، تېرىش، پەرۋىش قىلىش، پىششىقلاش ئارقىلىق ئالقاتنىڭ ماركېتىڭ سىستېمىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ،يېزا ئىگىلىكقۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېقىن ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

  مەكىت ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ئالقاتنىڭ ئەلا سۈپىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئالقات تېرىقچىلىقىنى گۈللەندۈردى، «نىڭشياخۇڭ 7-نومۇر» ئالقېتىمېۋىسى چوڭ، تەمى تاتلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شۇ جايدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىگە ياخشى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، شۇ جايدىكى قىسمەن نامرات ئاھالىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

  ھازىر، ئالقاتتىن مول ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل، ھەرقايسى يېزا-بازارلاردىكى ئالقات تېرىقچىلىقئائىلىلىرى ئالقات ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى ھەمدە ئالقاتلارنى يۇيۇپ، ئاپتاپقا سېلىپقۇرۇتۇپ، ئىسكىلاتتىن چىقاردى. مەكىت ناھىيەسى رۈنفېڭ تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى لى فېڭمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ 36 مۇقىم خىزمەتچىمىز بار، ھەر يىلى يەنە %4 پايدىنى دېھقان پايچىكلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىمىز. 6-ئايدىن باشلاپئالقات ئۈزۈشكە باشلىغاندىنبۇيان، بىز 200دىن ئارتۇق ۋاقىتلىق ئىشچى تەكلىپ قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردۇق».

  ھازىرغا قەدەر، مەكىت ناھىيەسى رۈنفېڭ تېرىقچىلىق دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئالقات ئۆستۈرۈش كۆلىمى 1200 موغا يېتىپ، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىردى، 400 توننا قۇرۇق ئالقاتيىغىۋېلىنىپ، شۇ جايدىكى 100دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، ئالقات ئىشلەپچىقىرىش كەسپىمۇ شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخى»گە ئايلاندى.