«كەنتتىكى بادام ئۆستۈرۈش تېخنىكا يېتەكچىسىگە ئايلاندىم»

日期:2020年07月29日
来源:昆仑网(维吾尔语)
【字体:

 بايان قىلغۇچى:

  يەكەن ناھىيەسى ئارال يېزىسى بۆلۈمە كەنتىدىكى دېھقان گۈلنىسا روزى

  خاتىرىلىگۈچى، رەتلىگۈچى:

  يەكەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن لىن ۋەنلى، نۇردىل

  مېنىڭ 15 مو باداملىق بېغىم بار، يېزىدىكى تېخنىك خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكىدە، باداملىرىم ياخشى مېۋە بەردى، مۆلچەرىمچە بۇ يىل 50 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك كىرىم قىلالايمەن. بادام دەرىخى ئاستىغا سەبدەگۈلى تېرىپ قويغانىدىم، ھازىر ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى. بۇ گۈللەرنى بوش چاغلىماڭ، ھەر يىلى 30 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلالايمەن. بۇنداق ھېسابلىغاندا، يىللىق كىرىمىمنى 70 مىڭ يۈەندىن ئاشۇرۇش نىشانىمغا يېتەلەيمەن.

  دەسلەپتە بادام ئۆستۈرگەندە ھېچنېمىنى بىلمەيتتىم، بادام دەرىخىنى ۋاقتىدا سۇغىرىپ، ئوغۇتلاپ، شاخلىرىنى چاتاشنى بىلمەيتتىم، ھوسۇل يىغىدىغان چاغدا، بىر مو يەردىكى بادامنى ئەڭ كۆپ بولغاندا 400 يۈەنگە ساتتىم. شۇ چاغلاردا بادام تېرىشتىن ۋاز كەچمەكچىمۇ بولدۇم.

  بىر قېتىم، كەنت بادام ئۆستۈرۈش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، تەربىيەلەشكە قاتناشتىم. نەق مەيداندا تەربىيەلەش ئېلىپ باردى، مەن بادام ئۆستۈرۈش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى مۇتەخەسسىسلەردىن سورىدىم، «مەن ئۆستۈرگەن بادامنىڭ دانىسى بەكلا كىچىك، مەھسۇلات مىقدارىمۇ تۆۋەن، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمغا ياردەم بېرەلەمسىلەر.» ئۇلار دەرھال باداملىق بېغىمغا كېلىپ نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

  «بادام پەرۋىش قىلغاندا سۇغىرىش، ئوغۇتلاش يېتەرلىك بولمىغان، بادام شېغىمۇ ۋاقتىدا چاتالمىغان.» ئۇلار بىر قۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق بېغىمدىكى بادامنىڭ مەھسۇلات مىقدارىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدىكى سەۋەبنى تېپىپ چىقتى. ئۇلار ماڭا قانداق پەرۋىش قىلىشنى، قانداق چاتاش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈردى، يەنە بىر تېخنىك خادىمنى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ بادام ئۆستۈرۈشتە يولۇققان مەسىلىلىرىمنى ھەل قىلىشىپ بېرىشكە ئەۋەتتى. شۇ يىلى مەن ئۆستۈرگەن باداملارنىڭ مەھسۇلات مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ھەر مو باداملىق باغدىن 2000 يۈەنچە كىرىم قىلدىم.

  خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت«ئىككى كومىتېت»ى يەنە مېنى بادام دەرىخى ئاستىغا سەبدەگۈلى تېرىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، سەبدەگۈلى تېرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى.

  بادام ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگىلەپلا قالماي يەنە، سەبدەگۈلى تېرىش، پەرۋىش قىلىش، ئۈزۈش تېخنىكىسىنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم. ھازىر كەنتتىكى بادام ئۆستۈرۈش تېخنىكا يېتەكچىسى بولۇپ، كەنتتىكى 1000 مو باداملىق باغقا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇۋاتىمەن.

  ھازىر ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى ئېشىپ، تۇرمۇشىمىز كۈنسېرى ياخشىلاندى. 2016-يىلى ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردۇق، 40 نەچچە مىڭ يۈەنگە ئۆينى زىننەتلەپلا قالماي ،يەنە يېڭى كارىۋات، سافا سېتىۋالدۇق.

  ھويلىمىزغا چىرايلىق گۈللەرنى تېرىپ، ئۈزۈم بارىڭى ياسىدۇق، ھەر كۈنى ئەمگەك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆيگە قايتىپ كېلىپ گۈللەرنى سۇغىرىپ، چىرايلىق ھويلامغا قارىسام كۆڭلۈم يايراپ كېتىدۇ.

شىنجاڭ گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى