چەرچەن ناھىيەسى: ھويلا-ئاراندىكى جاڭدۇدىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى

日期:2020年07月29日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزشۆ يۈنشاۋ، ئىختىيارىي مۇخبىرگاۋ شياۋيىڭ): يېقىندا، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى چوڭكۆل يېزىسى قىياقلىق كەنتىدىكى 30 ئائىلىلىكنىڭ ھويلا-ئارانلىرىدىكى جاڭدۇدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ناھىيەلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت كادىرلىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، كۆكتات ئۈزۈشكە ياردەم بەردى.

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى كەنتنىڭ قاتنىشى قولاي، تۇپرىقى ماسلىشىشچان بولۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا-ئاراندىكى تېرىقچىلىق رايونلىرىنى مۇۋاپىق پىلانلاپ، ئۆسۈش ۋاقتى قىسقا، مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى بولغان جاڭدۇ تېرىشقا يېتەكلەپ، ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

 كەنت ئاھالىسى ئالىم ئىمىن مۇنداق دېدى: «جاڭدۇ تېرىغاندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتى يەنە ناھىيەدىكى يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى تەكلىپ قىلىپ بەردى، ئۇلار ئۆيلەرگىچە كېلىپ بىزگەجاڭدۇ تېرىقچىلىق تېخنىكىسىنى ئۆگەتتى. بىزنىڭ ئائىلىدىكى جاڭدۇنىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى ياخشى، بۇ يىل كىرىمىمىز 4 مىڭ يۈەن ئېشىشى مۇمكىن».

 قىياقلىق كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى غەيرەتجان غېنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىز تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلغاندىن باشقا، يەنە ناھىيەدىكى نۇرغۇن تاللا بازىرى بىلەن سېتىۋېلىش-سېتىش توختامى ئىمزالاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ جاڭدۇلىرىنىڭ پىشقاندىن كېيىن بازار تېپىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق».