يېڭى تېخنىكا دېھقانلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى

日期:2020年07月28日
来源:天山网
【字体:

پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات ناھىيەلەرنى قاپلىدى

يېڭى تېخنىكا دېھقانلارنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىشيې خۇيبيەن،پىراكتىكانتخۇ شۆشەنخەۋەر قىلىدۇ: گۈلدۈر - گۈلدۈر... بىر دانە يېشىل ئاپتوماتىك ئارىلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى بىر دۆۋە تاشلاندۇق قۇم - توپىنى «يۇتۇۋەتتى» ۋە توختىماي ئايلىنىپ، بىردەمدىلا ئارىلاشتۇرۇلغان بېتوننى «ياندۇرۇۋەتتى». كابىنكىدا، مەشغۇلاتچى ئېركىنبېك قەمەرجان تەمكىن مەشغۇلات قىلىۋاتقان بولۇپ، تېخنىكىغا پىششىق ئىدى.

ئىككى يىل ئىلگىرى، ئېركىنبېك تېخى ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ بەنفاڭگۇ يېزىسى دىڭساۋ كەنتىدىكى چارۋىچى ئىدى؛ 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا نازارىتى بىلەن شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تۈرى كۆرەك يىغىنىدا، ئۇ تېخنىكا نامايان قىلىشتىكى باش پېرسوناژغا ئايلاندى.

ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكىنى دەل ئۆز جايىدىن ماتېرىيال ئالىدىغان، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان، تەننەرخى تۆۋەن بولغان بېتون تېخنىكىسى بولدى.

مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە بۇ يادرولۇق تېخنىكا ئەنئەنىۋى سېمونتنىڭ «تۇپراقتىن قورقىدىغان ئەجەللىك ئاجىزلىقى»نى يېڭىپ، يۇقىرى سېمونت مىقدارىلىق قۇرۇلۇش كېرەكسىز ماتېرىياللىرىدىن %100 ئايلانما پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال قۇرۇلۇش تەننەرخىنى %50 تېجەيدۇ، قۇرۇلۇش مۇددىتىنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىدۇ.

«بۇ تېخنىكىدا نۆۋەتتە تۆت خىل ئاچقۇچلۇق تېخنىكا سىستېمىسى شەكىللەنگەن بولۇپ، تاشيول، ئايرودۇرۇم، شەھەر مەمۇرىيىتى، كان قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۇل ئەسلىھە توپا - ياغاچ قۇرۇلۇشىدا كەڭ قوللىنىشقا بولىدۇ.» بۇ تۈرنى ئاچقۇچلۇق تېخنىكا جەھەتتىن قوللىغۇچىلارنىڭ بىرى، شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھىنىڭ باش ئىنژېنېرى خۇاڭ يۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تېخنىكا يېزا ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» قۇرۇلۇشى ھەم ئۇنى ئاسراشنى ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، شۇ جايدىكى يېزا ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تولۇق تۈرتكە بولدى.

ئېركىنبېكنىڭ ھازىر يېشىل ئاپتوماتىك ئارىلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسىدىن ئىككىسى بار ھەم شىنجاڭ قاتناش قۇرۇلۇشى گۇرۇھىنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشى بىلەن، دېھقان - چارۋىچىلار قۇرۇلۇش ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇردى. قىشتا كالا - قوي بوردايدۇ، باشقا پەسىللەردە كوللېكتىپنى باشلاپ قۇرۇلۇش ھۆددىگە ئالىدۇ، شەخسىي يىللىق كىرىمى ئەسلىدىكى 10 مىڭ يۈەنگە يەتمەسلىكتىن ھازىرقى 150 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يېتىپ، ئۆزى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپلا قالماي، يەنە ئەتراپتىكى چارۋىچىلارنىڭ بىرلىكتە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«بىر يېشىل ئاپتوماتىك ئارىلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى ئون ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، بىر يېزا ياكى بىرنەچچە كەنتتە يېشىل ئاپتوماتىك ئارىلاشتۇرۇش ۋە بېتون قۇرۇلۇش ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرغىلى بولىدۇ. <پەن - تېخنىكا تۈرى + نامراتلارنى يۆلەش سېخى> ئەندىزىسى ئارقىلىق، نامرات رايونلاردىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.» خۇاڭ يۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ ئەندىزە قاراقاش، كېرىيەدىكى ئىككى كەنتتە نۇقتىدا سىناق قىلىندى، 300گە يېقىن ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۆلچەرلەندى. كۆلەم كېڭەيتىلگەندىن كېيىن 1000دىن ئارتۇق دېھقان ئىشلەمچىنىڭ كەسىپ ئىشچىسىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ.

يېشىل ئاپتوماتىك ئارىلاشتۇرۇش ئۈسكۈنىسى ۋە ئالاقىدار تېخنىكا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش مەخسۇس ھەرىكىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرنىڭ بىرى. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ ھەرىكەت جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ئېغىر نامرات ناھىيەنى قاپلىدى، 25 تۈر يولغا قويۇلۇپ، جەمئىي 25 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، ئاساسلىقى خاس تېرىقچىلىق، خاس باقمىچىلىق ۋە ياسىمىچىلىق قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈلدى. بۇ تۈر كەنتنى يولغا قويۇش سۇبيېكتى قىلىپ، يىل ئاخىرىدىكى پايدا تەقسىملەش ئەندىزىسى شەكلىدە يۈرۈشتۈرۈلىدۇ. بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ مەخسۇس ھەرىكەتتىن پايدىلىنىپ، 10 مىڭ نامرات نوپۇس خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ.