قەشقەر شەھىرى: مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى تارالدى، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشى بالدىن شېرىن بولدى

日期:2020年07月28日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرۋاڭ يۈنيۈن، خىسلەت مۆمىنخەۋىرى، فوتوسى): يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى قەشقەر شەھىرى ئاۋات يېزىسى ياربېشى كەنتىدە مول ھوسۇل مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى، ئوخشىغان قوغۇنلار كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى، قوغۇنلارنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى، قوغۇنچى دېھقانلار ئۈزگەن قوغۇنلىرىنى ئېتىز بېشىدا جىڭلاش، ئوراپ قاچىلاش، ماشىنىغا بېسىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى، 61 ئەگمە پارنىكتىكى قوغۇنلار «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش مېۋىسى»گە ئايلانغانىدى.

2019-يىلىغىچە، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، قەشقەر شەھىرى ئاۋات يېزىسىياربېشى كەنت«ئىككى كومىتېت»ى ۋە كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى21 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ تارقاق پاختا، بۇغداي ئېتىزىنى ئالماشتۇرۇپ ئوبوروت قىلىش ئارقىلىق، كەنت كوللېكتىپى 42 مو كۆلەمدە 61 ئۆلچەملىك چوڭ ئەگمە پارنىك ياساپ، تېمىتىپ سۇغىرىش ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈردى، بۇ تۈرگە 800 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىندى، 40 پارنىكقا قوغۇن، تاۋۇز، 21 پارنىكقا بۆلجۈرگەن، كىچىك شوخلا، يېپىشقاق ھۆل كۆممىقوناق قاتارلىقلارنى تېرىدى. 61 ئەگمە پارنىك 42 ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە نامرات ئاھالىدىن 30ى بار بولۇپ، كۆپ قىسمى ماھارىتى كەمچىل ھەم ئوتتۇرىچە يېشى 50 ياشتىن ئاشقان نامرات ئاھالىلەر ئىدى.

2020-يىلى 5-ئايدا ئەگمە پارنىكتىكى تاۋۇز، قوغۇن، بۆلجۈرگەن، كىچىك شوخلائۈزۈلۈپ بازارغا سېلىنىپ، ئەتىيازدىلا 270 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىندى، بۇنىڭغا كۈزلۈك تېرىقچىلىق ئۈنۈمىنى قوشقاندا، ھەربىر پارنىكتىن 10 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىش مۆلچەرلەندى، كىچىككىنە ئەگمە پارنىك نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە بۇ يېزىنىئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش بازىسىغا ئايلاندۇردى.

كەنت ئاھالىسى ئىسلام ئابدۇكېرىم بۇ يىل ئۈچ ئەگمە پارنىك ياساپ، ئىككىسىگە تاۋۇز، بىرىگە قوغۇن تېرىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئەگمە پارنىكتىن ھوسۇل ئالغانتۇنجى يىلىدىكىپايدىمىزياخشى بولدى، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى بىزگە ھەقسىز ئەگمە پارنىك ياساپ بېرىپلا قالماي، يەنە تاۋۇز مايسىسى بىلەن ھەقسىز تەمىنلىدى، يەنە قۇمۇلدىن مۇتەخەسسىس تەكلىپ قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ تاۋۇز ۋە قوغۇن تېرىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، بۇ يىل ئائىلىمىز تاۋۇز ۋە قوغۇن تېرىقچىلىقىغاتايىنىپ 15 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى،پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ياخشى سىياسىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز، يانچۇقىمىز بارغانسېرى تومپايدى، تۇرمۇشىمىزبارغانسېرى ياخشىلاندى».