پەيزاۋات ناھىيەسى: شىنمېي تېرىقچىلىقى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى

日期:2020年07月25日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرچېن چېن): 6-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر ۋىلايىتى پەيزاۋات ناھىيەسى يېڭىمەھەللە يېزىسى دۆڭدىۋاي كەنتىدىكى دېھقان ھاشىم سىدىق ھەركۈنى ئەتىگەندە يۈز-كۆزلىرىنى يۇيۇپ بولۇپلا، ئۇدۇل ئېتىزلىقىغا بېرىپ شىنمېيلىرىنى تەكشۈرۈپ بولۇپ، ئاندىن بىر كۈنلۈك تۇرمۇشى ۋە ئەمگىكىنى باشلىدى.

2019-يىلى، ھاشىم ئائىلىسىنىڭ مېۋىگە كىرگىنىگە ئۈچ يىل بولغان توققۇز مو يېردىكى شىنمېي دەرىخى ئۇنىڭغا 146 مىڭ يۈەن پايدا يەتكۈزۈپ، ئائىلىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى، ئۇ ناھىيە بازىرىدىن بىر يۈرۈش نىمكەش ئۆي سېتىۋېلىپلا قالماي، يەنە ئامانەت قويغان پۇلىنى ئىشلىتىپ، بۇ يىل قالغان 13 مو تېرىلغۇ يېرىگىمۇ شىنمېي تىكتى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھاشىمغا ئوخشاش شىنمېيغا تايىنىپ ئارقا-ئارقىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلاردىن دۆڭدىۋاي كەنتىدە 179 ئائىلە بار. دۆڭدىۋاي كەنتى پەيزاۋات ناھىيەسى بۇ يىل ۋىۋىسكا ئېسىپ جەڭگە ھەيدەكچىلىك قىلغان 71 ئېغىر نامرات كەنتنىڭ بىرى. 10 يىلغا يېقىن شىنمېي كەسپىنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، كەنتتىكى 4139 مو تېرىلغۇ يەر ئىچىدە، شىنمېي تېرىلغۇ كۆلىمى 3400 موغا يەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرۋىش تەڭ يېتىشىپ ماڭغاچقا، يېتەكچى كەسىپ ئەۋزەللىكى كۈنسېرى گەۋدىلەندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ بۇ يىللىق خاس كەسىپلەر بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تۈرى دۆڭدىۋاي كەنتىگە ماكانلاشتى. بۇ كەنت ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، 50 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى باشقۇرۇش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەش، ئوغۇتلاش، زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلەتتى. 2019-يىلى بۇ كەنت يەنە تۈر مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، 600 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى پېتى ساقلاش ئىسكىلاتى قۇرۇپ، شىنمېينى يېڭى پېتى سېتىشقا شارائىت ياراتتى. بۇلتۇر كىشى بېشى ساپ كىرىمى 9797.5 يۈەنگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنمېي كىرىمن يېرىمدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.