چېن ياۋپىڭ: كەنت ئاھالىلىرىگە تېخنىكا ئۆگىتىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش

日期:2020年07月24日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزدۇڭ چېڭجۇڭخەۋىرى): «مەيلى نەسىللىك توشقانياكى گۆش توشقىنى بولسۇن،قاما توشقاننىڭھەممىسى كەڭ بازار ئىستىقبالىغا ئىگە، ھازىر مەن قانداق قىلغاندا كۆلەم شەكىللەندۈرگىلى بولىدىغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىمەن» دېدى 7-ئاينىڭ 9-كۈنىئاقسۇ ۋىلايىتى ئاقسۇ شەھىرى بەشتۈگمەن يېزىسى ئارا لەڭگەر كەنتىدىكى دېھقان چېن ياۋپىڭ مۇخبىرغا.

چېن ياۋپىڭ ئىزچىل ھالدا كەنتتىكى مېيىپ ئاھالە تۇرسۇن توختىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە قاما توشقان بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىتىپ، ئۇلارنى ئورتاق بېيىشقا يېتەكلىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، چېن ياۋپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ «چېگرا رايونغا ياردەم بەرگۈچى ئەڭ گۈزەل شەخس»، «مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىچى شەخس» ۋە «6-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى» قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشتى.

ئارا لەڭگەر كەنتىدە باغۋەنچىلىك ۋە تېرىقچىلىقئاساس قىلىنىدىغان بولۇپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر ئاران تۆت مودىن ئاشىدۇ. چېن ياۋپىڭنىڭ تۇرسۇن توختىنىڭ توشقان بېقىپ، بېيىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر كەنتتە تارقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا شاگىرت بولۇپ، تېخنىكا ئۆگىنىپ توشقان بېقىپ بېيىدى. چېن ياۋپىڭ تېخنىكا ئۆگەنگىلى كەلگەن كەنت ئاھالىلىرىگەئايىماي ئۆگىتىپ قويدى. ھازىر ئارا لەڭگەر كەنتىدە 42 ئائىلىلىك دېھقان-چارۋىچى توشقان باقتى.

چېن ياۋپىڭ مۇنداق دېدى: «توشقانلىرىمىز ناھايىتى ياخشى سېتىلىدۇ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى بىر توشقان كاۋىپى ئاشخانىسىتېلېفون قىلىپ، بىزنى ئۆزلىرىگەئەزا بولۇشقا تەكلىپ قىلدى؛ 3-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى ئالىمجان خالىق تۇرپان شەھىرىدە كاۋاپخانا ئاچماقچى بولغاندا، بىزنىڭ ئۇنىمال بىلەن تەمىنلىشىمىزنى ئۈمىد قىلدى... مەن ھازىر بالدۇرراق باقمىچىلىق كۆلىمىشەكىللەندۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن».

ھازىر، چېن ياۋپىڭ بىلەن تۇرسۇن توختىنىڭ نەسىللىك توشقىنى خوتەن، قەشقەر، ئاتۇش ۋە بىڭتۇەن 1- شىسى4-تۇەن، 8-تۇەن، 16-تۇەن قاتارلىق جايلارغا سېتىلىدۇ.

شۇ كۈنى، ئاقسۇ شەھىرى ئىگەرچى يېزىسىدىكى دېھقان ئالىيە خېلىل 39 نەسىللىك توشقاننى ئېلىپ ماڭدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «قىزىم داشۆنى پۈتكۈزدى، ئۇ باقمىچىلىق ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلىمەكچى، بىز ئۇنىڭ تاللىشىنى قوللايمىز، چېن ياۋپىڭ مۇئەللىمنىڭ ياردىمىدە، ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».

63 ياشلىق پېنسىيونېر سەمەت كېرەممۇ 20 نەسىللىك توشقان سېتىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، بىكار تۇرسام بولمايدۇ، بىز پارتىيەلىك كادىرلار قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆپرەك ياردەم بېرىشىمىز كېرەك. مەن قاما توشقان بېقىپ تەجرىبە ۋە تېخنىكا ئىگىلەپ، دېھقانلارنىڭ بېيىشىغا ياردەم بەرمەكچى».

چېن ياۋپىڭ مۇنداق دېدى: «تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قاما توشقان باقمىچىلىقى بىلەنشۇغۇللىنىشىنى، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن».