ساپال كەنتى ساپالغا تايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭدى

日期:2020年07月24日
来源:天山网
【字体:

  ئىمامئەلىخوتۇنى بىلەن ساپال بۇيۇملارغا رەڭ بەرمەكتە.

  ئىمامئەلى خۇمدان ئېغىزىدا تۇرۇپ، كۆيۈۋاتقان ساپال بۇيۇملارنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىزوۋ يى، جىن بو، پەرىزات ئابدۇلخەۋىرى، فوتوسى): 6-ئاينىڭ 19-كۈنى، يېڭىسار ناھىيەسى ماڭشىن بازىرى چاقىرىقوي كەنتى ئاھالىسى ئىمامئەلى كۆيدۈرۈپ ياسىغان ساپاللارنى خۇمداندىن ئالدى. ئاپتونوم رايونلۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىمامئەلى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈپ، نۇقسانى بار ئەسەرلەرنىڭ تاۋارغا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالماقتا ئىدى.

چاقىرىقوي كەنتى شەھەر ئەتراپىدىكى كەنت بولۇپ، قاتنىشى قولاي، كەنتنىڭ 1000 يىلدىن ئارتۇق ساپال بۇيۇملىرى ياساش تارىخى بار بولۇپ، ساپال ياساش دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن، شۇڭا كەنتنىڭ «ساپال كەنتى» شۇنداقلا «جۇڭگو يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى ئۈلگىلىك كەنت» «جۇڭگودىكى گۈزەل ئىستىراھەت يېزا-كەنتى» دېگەن ناملىرى بار.

قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئامما ساپال بۇيۇملارنى ئىزچىل تۇرمۇشىدا ئىشلىتىپ كەلگەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساپال تەدرىجىي ھالدا ساياھەت خاتىرە بۇيۇمىغا ئايلىنىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. چاقىرىقوي كەنتكە بارغاندا بىرىنچى بولۇپ كۆزگە چېلىقىدىغىنى «لاي» بولۇپ، ھەربىر ئائىلىنىڭ سىرتقى تېمى بىر قەۋەت لاي بىلەن سۇۋالغان ئىدى. ساپال بۇيۇملار كۆرگەزمىخانىسىدىكى ھەرخىل ئەسەرلەر كۆزنى قاماشتۇراتتى، ھەتتا كەنتتىكى ساپالچىلار چوڭ سەھنىسىنىڭ ئۆگزىسىمۇ لايدا پىشۇرۇلغان چوڭ ساپال ئىدىشنىڭ شەكلىدە بولۇپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتاتتى.

ناھىيەلىك ساياھەت تارماقلىرى ساپال كەنتىنىڭ «داڭلىق كەنت ئۈنۈم ئېففېكتى»دىن پايدىلىنىپ، ساپالچىلىق كەسپىنى بۇ كەنتنىڭ ساياھەتچىلىك سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىمنىڭ مۇھىمى قىلدى، كەنت ئاھالىلىرى ساياھەتچىلىكنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش يولىغا ماڭدى.

كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى قەيسەر قاسىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ساپالچىلىق ساياھەت تۈرلىرىنى ئېچىش ئارقىلىق، خاس ساپال مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساپال بۇيۇملارنى تاللاپ سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدۇق، ساپالچىلىق كەسپى كەنتنىڭ يېمەك-ئىچمەك، سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، بېلىق تۇتۇش، دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىق كەسىپلىرىگە تۈرتكە بولدى، كەنت ئاھالىلىرى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتى، كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 156 نامرات ئائىلىدىكى 768 ئاھالە ئىچىدە، ھازىر 110 نامرات ئائىلىدىكى 540 ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. بۇلتۇر پۈتۈن كەنتنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 8842 يۈەنگە يېتىپ، ساياھەتچىلىكتىن قىلغان كىرىم %60ىنى ئىگىلىدى.

«ھازىر، كەنتتە ساپال قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئۆيى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز، بۇ، تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىلىرىغا ساپالچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك ئارقىلىق تۇرمۇشىنى يەنىمۇ ياخشىلاش ئىمكانىيىتى يارىتىدۇ» دېدى قەيسەر.