تارباغاتاي ۋىلايىتىدە يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا %100 ئىش باشلىنىپ، %83ى تاماملاندى

日期:2020年07月22日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرۋاڭ چۈنلىن):7-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چۆچەك شەھىرى قاراقاباق يېزىسىنىڭ ئاۋانگارتكەنتىدىكى ئاھالەسۈي خۇڭۋېي يېڭى ئۆيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان كەنت ئاھالىسىگە مۇنداق دېدى: «ھازىرئۆي سالساق ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىدۇ، ئۆينىڭ سۈپىتىمۇ ياخشى.يېڭى ئۆيىمىزگە قاراڭ، ھەم يەر تەۋرەشكە چىداملىق، ھەم ئازادە».

سۈي خۇڭۋېي ئىلگىرى كېسەك-ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيدە40 يىل ئولتۇرغان، ھەتتا ئۆينىڭ بەزى جايلىرىدىنچاك كەتكەنىدى. بۇ يىل سۈي خۇڭۋېي 103 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆي سېلىشنى ئىلتىماس قىلدى ھەم يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ياردەم تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولدى. يېڭى ئۆينىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا تاماملاندى، يىل ئاخىرىدا كۆچۈپ كىرەلەيدۇ.

بۇ يىل دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ ئۈشقاراسۇ بازىرى سارۆلېڭ كەنتىدىكى دېھقان دامۇ ئېرسىن ئائىلىسىمۇسۈي خۇڭۋېيغا ئوخشاشيېڭى ئۆي سالدى.

دامۇ ئېرسىن مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى يىلدا سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ ئازراق پۇل تاپتىم. كەنت كادىرلىرىنىڭ تەشۋىق قىلىشى ئارقىلىق،ئۆي سالساق ياردەم تولۇقلىمىسىبېرىلىدىغانلىقىنى بىلدىم. بۇ يىل مەن 80 كىۋادرات مېتىرلىق يېڭى ئۆي سېلىشنى ئىلتىماس قىلدىم. ئويلىمىغان يەردىن قۇرۇلۇش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ، 6-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇرۇلۇش باشلىنىپ، 7-ئاينىڭ بېشىدا ئاساسىي گەۋدىسى پۈتتى».

بۇ يىل تارباغاتاي ۋىلايىتى يېزا ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەنت دەرىجىلىك كاناي، تەشۋىقات تاختىسى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئۆي سېلىش ياردەم مەبلىغى سىياسىتى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۆي سالغان دېھقانلارنىڭ سىياسەتتىن خەۋەردار بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈردى.

تارباغاتاي ۋىلايىتى يېزىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىش ئۈچۈن، «تولۇق قاپلاش، ئۆلۈك بۇلۇڭ بولماسلىق» تەلىپى بويىچە، يېزىلارنىڭ ئۆي سېلىش ئۆلچىمىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇشسۈپىتى ۋە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ ھەمئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلى، قۇرۇلما دېتاللىرىنى ياساش ئۆتكىلى، نەق مەيداندا قۇرۇلۇش قىلىش ئۆتكىلى، پۈتكەن قۇرۇلۇشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تارباغاتاي ۋىلايىتى يەنە تېخنىكلارنى تەشكىللەپ، بەش ناھىيە، ئىككى شەھەردىكى ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئەھۋالىغا قارىتاقەرەلسىز ھالدانەق مەيداندا تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇش ئارقىلىق بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەربىر ئاخىرقى قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى. ئىگىلىنىشىچە،ۋىلايەتبۇ يىلناھىيە، شەھەرلەرگە تۆت قېتىم مەخسۇس تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلغان، تېخنىكا جەھەتتىن ئۈچ قېتىم تەربىيەلىگەن.

تارباغاتاي ۋىلايەتلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ساۋ جيەنگو تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر ۋىلايەت بويىچە 1831 ئائىلىنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، ئىش باشلاش نىسبىتى %100كە يەتتى، 1523 ئائىلىنىڭ ئۆيى پۈتۈپ، پۈتۈش نىسبىتى %83كە يەتتى.