1-شى 4-تۇەن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا دەل جايىدا ياردەم بەردى

日期:2020年07月19日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورىخەۋىرى:«تۇەننىڭ ياردىمى بولغاچقا، مېنىڭ مۇقىم خىزمىتىم بار بولدى»دېدى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى1-شى 4-تۇەندىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشتا قىيىنچىلىقى بار خۇ يۈگۇاڭ. يېشى 50تىن ئاشقان ھەم مېيىپ خۇ يۈگۇاڭ ئىزچىل تۆۋەنكاپالەت پۇلىغاتايىنىپ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل 4-تۇەننىڭ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ئارقىلىق، تازىلىق ئىشچىسىلىق خىزمىتىگە ئوڭۇشلۇق ئېرىشتى.

بۇ يىل، 4-تۇەن ئاممىۋىمەنپەئەتدارلىقئىش ئورنى سىياسىتىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلارنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. 4-تۇەن «پارتىيە كومىتېتى يېتەكچىلىك قىلىش، تارماقلار ئېچىش، ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئاممىغا قولايلىق يارىتىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئورگان بۆلۈم، ئىشخانىلىرىئىش ئورنى تېپىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئىش ئورنى تەسىس قىلىش، مۇقىم ئىش ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، تۈرلۈك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىدىن 100 نەچچىنى چىقىرىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان 100 نەچچە كىشىنىڭ «ئىشىكى ئالدىدىلا» ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىپ، يىللىق مۇقىم كىرىمىنى 20 مىڭ يۈەندىن ئاشۇردى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 4-تۇەن ئاممىۋىمەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاشكارا، ئادىل، ھەققانىي بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاممىۋىمەنپەئەتدارلىق ياردەم مەبلىغىنى تارقىتىش ئەھۋالىنى تۇەن-چاڭ ئىجتىمائىي ئىشلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ باشقۇرۇش ئۇچۇر سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ھەقىقىي نام تۈزۈمى بويىچە جانلىق باشقۇرۇشنى يولغا قويدى؛ ليەندۈيلەردىكى ئاممىۋىمەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنىنى كۈندىلىك باشقۇرۇش، باھالاشنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ليەندۈيلەردىن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىقئىش ئورنىغا ئېرىشكەنلەر بىلەن ئەمگەك توختامى تۈزۈپ، توختامدىكى مەجبۇرىيەتنى قاتتىق ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلدى؛ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورۇنلىرىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىش ئورنى بولسىمۇ ئادەم بولماسلىق، باشقىلارنىڭ ئورنىغا ئىشقا چىقىشقاتارلىق ئەھۋاللارنى مەنبەدىن توستى.