دىلشات تۇرسۇن: ساياھەت تېز پويىزىغا ئولتۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇم

日期:2020年07月19日
来源:天山网
【字体:

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: «بۈگۈنكى كۈندە، كۈرە بازىرىنىڭ ساياھىتى گۈللەندى، مېنىڭ ساياھەت خاتىرە بۇيۇملىرىمنىڭ سودىسىمۇ جانلاندى. گەرچە ماڭا مېيىپلىك ياردەم تولۇقلىمىسى بېرىلسىمۇ، لېكىن قولۇمنى سوزۇپ پۇل ئالىدىغان تۇرمۇشقا تەن بەرگىم كەلمىدى، مەن ئۆزۈمنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق بالىلىرىمغا پەقەت تىرىشسىلاياخشى تۇرمۇش كەچۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىمەن»» دېدى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى قورغاس ناھىيەسىنىڭ كۈرە بازىرى يانبۇلاق كەنتىدىكى دىلشات تۇرسۇن.

«ھازىر بىر كۈندە 100 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە پۇل تاپالايمەن، ساياھەتچىلىك جانلانغانمەزگىلىدە 500 يۈەن تاپالايمەن»دېدى دىلشات. 2016-يىلىدىن باشلاپ، دىلشات كۈرە بازىرىنىڭ كۈرە قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە نۇقتىسى ئەتراپىدا ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى سەييارە سېتىش بوتكىسى ھۆددىگە ئېلىپ، شۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئۈستىقۇددۇس مېيى، گىرىم بۇيۇملىرى، قول ھۈنەربۇيۇملىرى قاتارلىق ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ، سودىسى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

  كۈرە بازىرىدا چىڭدەۋرىدىكى جۇڭگۇلوۋقاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار بولۇپ، شىنجاڭدىكى ساياھەت نۇقتىلىرى ئىچىدە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جياڭسۇ ئۆلكىسى جياڭيىن شەھىرىنىڭ قورغاس ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئالدىنقى سەپ خىزمەت گۇرۇپپىسى لايىھە تۈزۈپ، بۇ جاينى ئۆزگىچە ساياھەت بازىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە كۈچ قوشتى. 2016-يىلى130 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ، بازار مەيدانىدا جياڭيىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش كۈرە بازىرى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 10 نامرات ئائىلىنى ھەقسىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يايما ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنى ساياھەت كەسپىگە قاتناشتۇرۇپ، ساياھەت تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن پايدىدىن ئورتاق بەھرىمەن قىلدى.

  دىلشاتنىڭ پۇت-قولى مېيىپ،ئۆيىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولۇپ، كۈنلىرى ناھايىتى تەستە ئۆتەتتى، 2014-يىلى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ يىل بويى يايما يېيىپكۆكتات، مېۋە- چېۋە ساتتى، يەنە قىشتا ئۆيدە تاڭخۇلۇ ياساپ كوچا-كويلارنىئارىلاپ ساتتى، ئۇنىڭدا بىر خىل تىرىشىپ كۈرەش قىلىش روھى بار ئىدى.

  دىلشاتقا ياردەم قىلىش ئۈچۈن، شۇ يىلى يانبۇلاق كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ئۇنىڭغا 20 مىڭ يۈەن مەبلەغ توپلاپ بەردى، ئۇنىڭغايەنەمال كىرگۈزۈشكە ئىشلىتىش ئۈچۈن40 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلىپ بەردى. ھازىر ئۇنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى سەييارە سېتىش بوتكىسىنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ چوڭىيىپ، تاۋارلارنىڭ تۈرى تېخىمۇ تولۇقلاندى،دائىم ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى. بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن دىلشاتنىڭ ئىدىيەسىدىمۇزور ئۆزگىرىش بولدى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۈچ مو يېرىنى ئوبوروت قىلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنى باشلاپ ساياھەت كەسپىگە ئاتلاندى.

  «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دىلشاتقا ئوخشاش بىر تۈركۈم نامرات ئاھالىلەر نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ياخشىلىدى. دىلشات ھازىر كەنتتىكى نامراتلارنى يۆلەش ئۈلگىسى. ئۇنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىگە قاتنىشىشىغا، تىرىشىپ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغاتۈرتكە بولدى»دېدى كۈرە بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقىدەرىجىلىك بۆلۈمچە ئەزاسى خالىشە كابىش.