كەشتىچىلىك زاۋۇتى ئائىلىمىزنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلىدى

日期:2020年07月18日
来源:天山网
【字体:

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى كەشتىچىلىك زاۋۇتىدا ئىشلىمەكتە.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئايقەمەر قادىرجان بىكار ۋاقتىدا سېخقا كېلىپكەشتىچىلىكنى ئۆگەندى.

7-ئاينىڭ 10-كۈنى، بۇسارىگۈل ئابدۇرۇسۇل(ئوڭدا)قىزى بىلەن كەشتىچىلىك تېخنىكىسى توغرىسىدا پىكىرلەشمەكتە.

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىئۆتكۈر نىجاتخەۋىرى، فوتوسى): «كەشتە تىكىش ماشىنىسى ئىشقا كىرىشسە، بېيىشتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.» بۇئاقتۇ ناھىيەسى بارىن يېزىسى گۈلباغ كەنتىدىكىكەنت ئاھالىلىرى دائىم ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان سۆز بولۇپ قالدى.بۇ سۆزبۇ يىل 1-ئايداشىنجاڭ جىڭجىسودا چەكلىك شىركىتىنىڭ خۇڭخۇا ساۋلۈ كەشتىچىلىكزاۋۇتىگۈلباغ كەنتىگە ماكانلاشقاندىن كېيىنكەنتكە ئېلىپ كەلگەن ئۆزگىرىشنىڭتەسىرىدە پەيدا بولغان.

يېڭىدىن قۇرۇلغان كەشتىچىلىك زاۋۇتىدىكى ئېلېكترونلۇق كەشتىلەش ماشىنىسىنىڭئاۋازىبۇ يەردە ئىشلەۋاتقان كەنت ئاھالىلىرىغا ناھايىتى يېقىملىق ئاڭلىناتتى، 70 نەچچە كەنت ئاھالىسى زاۋۇتتا پۈتۈن زېھنى بىلەن كەشتە تىكىش ماشىنىسىغا تىكىلىپ، ئاق رەخت ئۈستىگە ھەرخىل نۇسخىلارنى كەشتىلەيتتى. كەشتىچىلىك زاۋۇتى گۈلباغ كەنتىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىغان ياخشى سەھنىگە ئايلاندى.

بۇ يىل 45 ياشقا كىرگەن بۇسارىگۈل ئابدۇرۇسۇل ئىلگىرى تىككۈچىلىكنى ئۆگەنگەن بولۇپ، كەشتىچىلىك زاۋۇتى ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىنزاۋۇتقا بېرىپ ئىشلەشكە تىزىملاتتى. تىككۈچىلىك تېخنىكىسىدىن ئاساسى بار بۇسارىگۈلناھايىتى تېزلا زاۋۇتنىڭ تېخنىكتايانچىغائايلاندى، يەنە يېڭىدىن زاۋۇتقا كىرگەن خادىملارنى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى. بۇسارىگۈلنىڭ تەسىرىدە، 5-ئايدا قىزى ئايقەمەر قادىرجانمۇ زاۋۇتقا كېلىپ ئىشلىدى، مالىيە بوغالتىرلىقى كەسپىنى پۈتكۈزگەن قىزى زاۋۇتنىڭ بوغالتىرى بولدى.

ھازىر، كەشتىچىلىك زاۋۇتىنىڭ ئۈنۈمى بارغانسېرى ياخشىلاندى، بۇسارىگۈل ۋە قىزىنىڭ كىرىمىمۇ بارغانسېرى ئاشتى. «ھازىر قىزىم ئىككىمىز مۇقىم كىرىمگە ئىگە بولدۇق، كەشتىچىلىك زاۋۇتى ئائىلىمىزنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتتى، تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلىدى.مەن بۇ يەردە ئىشلەۋاتقان كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، زاۋۇتنى تېخىمۇ روناق تاپقۇزىمىز»دېدى بۇسارىگۈل.