باي ناھىيەسى: قوي-كالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

日期:2020年07月17日
来源:天山网
【字体:

ياشىن تورى خەۋىرى(مۇخبىرگۇڭ شىجيې،ئىختىيارىي مۇخبىرما كېچياڭخەۋىرى): 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسىنىڭ تېرەك بازىرى تېرەك كەنتىدىكى دېھقان مەمەت ھوشۇر مۇنداق دېدى: «مەن ھازىر چارۋىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى بولدۇم، ئايلىق مائاشىم 2000 يۈەندىن ئاشىدۇ، كىرىم ئەھۋالىم يامان ئەمەس».

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلە بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەمەت ھوشۇرنىڭ ئائىلىسىدە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ھېچقانداق ماھارىتى يوق ئىدى، بۇلتۇر ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىدە، ئۇنىڭ ئائىلىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، لېكىن بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى قانداق مۇستەھكەملەش كېرەك، ئۇنىڭ بۇنىڭغا نىسبەتەن ئىشەنچى يوق ئىدى.

«مېنىڭ سىرتقا چىقىپ ئىشلىگۈم بار، لېكىن ھۆكۈمەت ماڭا تارقىتىپ بەرگەن نامراتلارنى يۆلەش كالىسىنى باقىدىغان ئادەم يوق» دېدى مەمەت ھوشۇر.

تېرەك كەنتىدە، مەمەت ھوشۇرغا ئوخشاش نۇرغۇن دېھقان چارۋىلىرىنى بېقىش تۈپەيلىدىن، سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە ئامالسىز. كەنت ئاھالە كومىتېتى بۇ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، كەنتتىكى ئىككى باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىنى بۇ يىل 6-ئاينىڭ بېشىدا باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى ھەم سىياسەت ئارقىلىق يۆلەپ باقمىچىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇردى.

ھەمكارلىق كوپىراتىپى بوش قالغان قوتانلاردىن پايدىلىنىپ چارۋىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى قىلىپ ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قوي-كالىلارنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇشىغا بېرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بەردى. چارۋىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئورنىنىڭ باشلىقى ياسىن ئوسماننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: چارۋىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئورنىدىكى كالىلارغا ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەر يىلى %10لىك نىسبەت بويىچە دېھقانلارغا پايدا تەقسىم قىلىپ، 10 مىڭ يۈەنلىك بىر كالىغا، دېھقانلارغا 1000 يۈەن پايدا ئايرىپ بەرگەن؛ قويلارغا %20لىك نىسبەت بويىچە پايدا تەقسىم قىلىپ، 1000 يۈەنلىك بىر قويغا200 يۈەن پايدا تەقسىملەپ بەرگەن.

«نامراتلارنى يۆلەش ئاخىرقى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى، بۇنىڭغا پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ قاتنىشىشى كېرەك، بىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىش مەجبۇرىيىتىمىز بار» دېدى ياسىن ئوسمان.

نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئاھالە تۇنىياز ئوسمان خوتۇنى بىلەن بىللە سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلدى، ئۆيىدىكى ئىككى كالا ۋە 20 نەچچە قوينىڭ ھېچكىمنىڭ كارى بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ، خاتىرجەم ئىشلىيەلمىگەنىدى. چارۋىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوي-كالىلىرىنى ھاۋالىلىك بېقىشقا ئاپىرىپ بەردى.

«بىز شەھەردىكى قۇرۇلۇش ئەترىتىدە ئىشلەپ، ئايدا 7000 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوي-كالىلارغا تەقسىم قىلغان پايدىنى قوشساق، ئائىلىمىزنىڭ كىرىمى خېلى كۆپ بولىدۇ» دېدى تۇنىياز ئوسمان.

چارۋىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى يەم-خەشەكنى بىر تۇتاش ئىشلىتىش، تېخنىكا جەھەتتىن بىر تۇتاش تەربىيەلەش، يۇقۇمنىڭ بىر تۇتاشئالدىنىئېلىش ئارقىلىق، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، باقمىچىلىق خەۋپ-خەتىرىنىمۇ تۆۋەنلەتتى. كۆپچىلىك بۇنى كۆرۈپ، بەس-بەستە قوي-كالىلىرىنى چارۋىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئورنىغا ئاپىرىپ بەردى، تېرەك كەنتىدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان 13 ئائىلە 24 كالىسى ۋە 50 نەچچە قويىنى ئېلىپ كەلدى، ھەتتا ئادەتتىكى ئائىلىلەرمۇ بەس-بەستە ئۆزىنىڭ قوي-كالىلىرىنى ھاۋالىلىك بېقىشقا ئېلىپ كەلدى.

«چارۋىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش ئورنى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كەنتىمىزدىكى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇقىم بولمىغان ئائىلىلەردىن سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىلگىرىكى تۆت ئادەمدىن 21 ئادەمگە كۆپەيدى، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئىشلەمچىلىكتىن قىلغان كىرىمى ئاساسلىق كىرىمگە ئايلاندى، ھەربىر كىشىنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2740 يۈەن بولدى، كۆپچىلىك بۇنىڭدىن ناھايىتى خۇشال» دېدىباي ناھىيەلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى غېنى غوپۇر.