بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدىكى چارۋىچىلار تۆگىگە «مىنىپ» ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلاندى

日期:2020年07月16日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىزجۇاڭ شياۋپو): تۆگە تىلغا ئېلىنسا، كۆپچىلىك تەبىئىيلا قەدىمىيېپەك يولىدائېغىر يۈكنى ئارتىپئىلگىرىلەۋاتقان تۆگىلەرنى، كولدۇرما ئاۋازىنى ئويلىسا كېرەك. تۆگە «چۆلكېمىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە «بىر بەلباغ، بىر يول» ئارقا كۆرۈنۈشىدە، غەربىي شىمال چېگراغا جايلاشقان شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە، چېگرا چارۋىچىلىرى تۆگە سۈتى، تۆگە يۇڭى قاتارلىق تۆگە مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىگە تايىنىپ، تۆگە باقمىچىلىقى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى. تۆگە «چۆل كېمىسى»دىن «كەسىپ كېمىسى»گە ئايلاندى، تېخىمۇ كۆپ چارۋىچى تۆگىگە «مىنىپ» ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلاندى.

7-ئاينىڭ 5-كۈنى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ ئۇلۇنگۇر دەرياسىغا يېقىن بىر ئوتلاقتا100دىن ئارتۇق تۆگە يايلاۋاتاتتى، بىر نەچچە ئاق رەڭلىك كىگىز ئۆيمۇ كۆزگە چىلىقىپ تۇراتتى. مۇخبىر كىگىز ئۆيدە تۆگىلەرنىڭ ئىگىسى __ يەتتە ئارال بازىرى كۆكتېرەك كەنتىدىكىچارۋىچى ئامان مەمەتنى كۆردى. ئامان كۈلۈپ تۇرۇپ، ھازىر تۆگە بېقىپ پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى، بىنائۆيگە كۆچكەنلىكىنىھەمدە ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلىقىنى، ئۆيىگە كەڭ بەلباغلىق تور ئورناتقانلىقىنى، ئۆيىدە ھەممە نەرسىنىڭ بارلىقىنى، چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ شەھەرلىكلەرنىڭكىدىنپەرقلەنمەيدىغانلىقىنىسۆزلەپ بەردى.

تۆگە باقمىچىلىقى توغرىسىدا سۆز باشلانغاندا، ئامان توختىمايسۆزلەپلا كەتتى. 10 نەچچە يىل بۇرۇن، ئۆيدىكى سەككىز جان 10نەچچە قوينى بېقىپ تۇرمۇشىنى ئارانلا قامدايتتى، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئىدى. 2007-يىلى، شىنجاڭ ۋاڭيۇەن بىيو پەن-تېخنىكا گۇرۇھى بۇرۇلتوقايغا ماكانلاشتى، دادىسى مەمەت شاتمەمەت ناھىيەگە تۆگە سۈتى پىششىقلاپ ئىشلەپ زاۋۇتى قۇرۇلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىر قىسىم كالا، قوينى سېتىۋېتىپ، بۇ پۇلدىن پايدىلىنىپ تۆگە باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى، بۇ قارار ئائىلىدە جەڭگە-جېدەل پەيدا قىلدى، ئاخىرى بىر ئائىلە كىشىلىرى دادىسىنىڭ پىكرىگە قوشۇلدى. ئۇلار شۇ يىلى 12 تۆگە باقتى، ساپ كىرىمى 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى شادلىققا تولدى، ئۇلارنىڭ تۆگە باقمىچىلىقىغا بولغان ئىشەنچى ۋە ئىرادىسى تېخىمۇ كۈچەيدى.

باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش داۋامىدا، مەمەت بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىقتىساد يېتىشمەسلىك مەسىلىسىگە دۇچ كەلدى، ۋاڭيۇەن بىيو پەن-تېخنىكا گۇرۇھى دەل ۋاقتىدا مەخسۇسمەبلەغ تۇرغۇزۇپ، نامرات چارۋىچىلارغا ئاز بولغاندا 100 مىڭ يۈەنلىك ئۆسۈمسىز قەرز ياردىمى بېرىپ، نامرات باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنى ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنى «نۆل تەننەرخ» ئاساسىداتېز سۈرئەتتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى رىئاللىققا ئايلاندۇردى. مەمەتمۇشىنجاڭ ۋاڭيۇەن بىيو پەن-تېخنىكا گۇرۇھىدىن قەرز ئېلىپ، بۇ قەرزنىتۆگە سۈتى سېتىپ ئاستا-ئاستا تۆلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، ئامانمۇ دادىسىنىڭ تەسىرىدەيىراق-يېقىندا داڭقى بار باقمىچىلىق ئۇستىسىغا ئايلاندى، ئۆيىدىكى تۆگىلەرمۇ كۆپىيىپ 100دىن، يىللىق كىرىمى 400 مىڭ يۈەندىنئاشتى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلاندى.

«كىچىك ۋاقتىمدا، ئائىلىمىزدە بەش تۆگە بار ئىدى، تۆگىگە كىگىز ئۆي، قاچا-قۇچا، قازان-قۇمۇچ قاتارلىقلارنى ئارتىپ كۆچۈپ يۈرەتتۇق.بىر كۈنلەرگە كەلگەندە، ئۆزىمىزنىڭتۆگىگە تايىنىپ بۇنچە كۆپ پۇل تاپىدىغانلىقىمىزنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدۇق» دېدى بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن چارۋىچى مانات نۇردانبەگ.

«85-يىلىدىن كېيىنتۇغۇلغان» بۇ يىگىت بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى قاراماغاي بازىرى دىيى كەنتىنىڭ «تۆگە بېقىش ئۇستىسى»، ھازىر 200دىن ئارتۇق تۆگىسى بار. «تۆگە ئىككى يىلدا بىرنى تايلايدۇ، سۈت چىقىش ۋاقتى 13 ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ، ھەركۈنى تەخمىنەن ئىككى كىلوگرام ئەتراپىدا سۈت چىقىدۇ» دېدى مانات، ئۇ بېقىۋاتقان تۆگىلەردىن ھازىر كۈنىگە 200-240 كىلوگرامغىچە سۈت چىقىدىكەن. بىر كىلوگرام تۆگە سۈتى 40 يۈەن بولۇپ، بىر كۈنلۈك كىرىم 8000 يۈەن بولىدىكەن. ئۇ تۆگە باقمىچىلىقىغا تايىنىپ كىگىز ئۆيدىن بىنا ئۆيگە كۆچكەن، ئات مېنىش بىلەن خۇشلىشىپ، ئاپتوموبىل سېتىۋالغان.

تۆگە بېقىپ ھاللىق سەۋىيەگە قاراپ ماڭغانئامان بىلەن ماناتنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ كىلىش مەنبەسى شۇ يەر جەلپ قىلغان شىنجاڭ ۋاڭيۇەن بىيو پەن-تېخنىكا گۇرۇھىدىن كەلگەن.

ئالتاي ۋىلايىتى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۆگە باقمىچىلىقى قوتان قالدۇقىبىر قەدەر كۆپ ئورۇن، تۆگە تۈرى توپى مەملىكەت بويىچە تۆگەئومۇمىي ساننىڭ تەخمىنەن %20ىنى ئىگىلەيدۇ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ئالتاي ۋىلايىتىدىكى تۆگە باقمىچىلىقى بىر قەدەر مەركەزلەشكەن ناھىيە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ناھىيە تۆگە باقمىچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىشىنجاڭنىڭ يەرلىك خاس كەسپلىرىنىيېتىلدۈرۈش ۋە دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلدى. 2007-يىلى، ھۆكۈمەت سودىگەر چاقىرىپ شىنجاڭ ۋاڭيۇەن تۆگە ئوقەتچىلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى تەكلىپ قىلىپ كىرگۈزۈپ، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە ئىش باشلاپ، تۆگە باقمىچىلىقىغا يېڭى يول ئاچتى، سېتىۋېلىنغان تۆگە سۈتىدىن تۆگە سۈتى پاراشوكى، تۆگە يۇڭى يوتقىنى، گىرىم بۇيۇملىرى ياسىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا سېتىلدى، دېھقان-چارۋىچىلارغا غايەت زور ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىپ، چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇشتىكىداۋاملاشماكەسىپكە ئايلاندى.

بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى تۆگە بېقىشنى كۆلەملەشتۈرۈپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تارقاق باقمىچىلارنى تەشكىللەپ، سۈت تۆگىسى، گۆش تۆگىسىباقمىچىلىق جەمئىيىتى قۇرۇشقا ياردەم بەردى. يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئېكولوگىيەلىك، بىخەتەر تۆگە مەھسۇلاتلىرىنى تۈجۈپىلەپ پىششىقلاپ ئىشلەشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ تۆگىچىلىك كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى.مەخسۇس مەبلەغ تەسىس قىلىپ، تۆگە سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى، سۈت بوتۇلكىسى سېتىۋېلىش، ئېغىل-قوتان قۇرۇلۇشى، يەم-خەشەك بازىسى قۇرۇش، دېھقان-چارۋىچىلارنى تەربىيەلەش، سېتىۋېلىش تور نۇقتىلىرى قۇرۇلۇشى، سۈت تۆگىسى باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە«يېشىل چىراغ» يېقىپ بەردى.

ھازىر، تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا 50 مىليون يۈەن، ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا 250 مىليون يۈەن، بازار ئېلانىغا 80 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. تۆگە سۈتى مەھسۇلاتلىرىدىن سۈت، سۈت پاراشوكى، سۈت تابلېتكىسى، ئېچىتىلغان سۈت مەھسۇلاتلىرى بار؛ تۆگە سۈتىدىن ياسالغان گىرىم بۇيۇملىرىدىن سۈت سوپۇنى، يۈز چاپلىقى بار؛ تۆگە يۇڭى توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىدىن تۆگە يۇڭى يوتقىنى قاتارلىق تۆت مەھسۇلات بار. «ۋاڭيۇەن تۆگە سۈتى» مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك داڭلىق مەھسۇلاتى، شىنجاڭنىڭ داڭلىق مەھسۇلاتى، شىنجاڭنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى شەرىپىگەئېرىشتى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە،بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىمۇ «جۇڭگو تۆگە سۈتى ماكانى» دېگەن شەرەپكە ئېرىشتى.