يوپۇغا ناھىيەسى: ياڭيۇ توردا ۋە تور سىرتىدا بىۋاسىتە كۆرسىتىلىپ پۈتۈن مەملىكەتكە سېتىلدى

日期:2020年07月16日
来源:天山网
【字体:

تىيانشانتورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرخۇ فايۆ، خەرنىساگۈل):كەنت ئاھالىلىرى ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ يوپۇغا ناھىيەسى يوپۇغا بازىرى ئەۋزەلقۇم كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجى جۇ خېشياڭغا«ياڭيۇ شۇجى» دەپ ئىسىم قويدى. 2017-يىلىدىن باشلاپ، جۇ خېشياڭئەۋزەلقۇم كەنتىدىكى دېھقانلارنى يېتەكلەپ، تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، ياڭيۇ قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان كۆكتات تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئەۋزەلقۇم كەنتى ياڭيۇدىن يەنە ھوسۇل ئالىدىغان پەسىلنى كۈتۈۋالدى.

ئىككى كۈندىن بۇيان، ئەۋزەلقۇم كەنتىدىكى دېھقانلار ياڭيۇكولاش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، ھوسۇل شادلىقى دېھقانلارنىڭ چېھرىدەجىلۋىلەندى. بۇ يىل ئەۋزەلقۇم كەنتى ئىلگىرىكى يىللاردىكى تېرىقچىلىق تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، يەنە 100 مو يەرگە ياڭيۇ تېرىدى. ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنت ئاھالىلىرى بىرلىكتەياڭيۇلارنىدەرىجىگە ئايرىپ، يەشىكلەرگە قاچىلىدى، بۇ ياڭيۇلارشىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ تاماق ئۈستىلىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يولىنى ھەل قىلىشكەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۇل خىزمەتلەرنىڭبىرى، شۇنداقلا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش-ئاشۇرالماسلىققا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. ياڭيۇكولاشتىن بۇرۇن، جۇ خېشياڭكۆپ خىل يوللار ئارقىلىقيېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرى، سودا ساراي، تاللا بازارلىرى بىلەن ئالاقىلەشتى، 100 مو يەردىكى ياڭيۇنىڭھەممىسىگە زاكاز چۈشتى.

ياڭيۇتېرىشنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، جۇ خېشياڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تېرىقچىلىق، پەرۋىش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلدى، ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن، نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى ئىسمى-جىسمىغا لايىق ياڭيۇ تېرىش كەسپىي تېخنىكا خادىمىغا ئايلاندى.

كەنت ئاھالىسى تۇرسۇنگۈل كەنتنىڭ ياڭيۇكەسپى تەرەققىياتىدىكى گۇۋاھچىلارنىڭبىرى، شۇنداقلا ياڭيۇتېرىقچىلىقىدىن نەپكە ئېرىشكۈچى. بۇ يىل ئۇنىڭ ئۈچ موياڭيۇسىدىنھوسۇل ئېلىندى، ئىلگىرىكى يىللاردىكى ياڭيۇتېرىقچىلىقى كىرىمىدىن مو بېشىدا3000 يۈەنئاشتى. ياڭيۇدىن ھوسۇل ئالغاندىن كېيىن، يەنە بەسەي، تاۋۇز قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىتېرىشقا بولاتتى.

ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، 6-ئاينىڭ 20-كۈنى «ياڭيۇپىشتى» تېمىسىدىكى ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، دېھقانلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتى ناھىيەلىك ئېلېكتىرونلۇق سودا مۇلازىمەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى،يوپۇغا ناھىيەسىنىڭ چىلان، تېرىق، ياڭيۇ قاتارلىق بەش خىل يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتى تاۋباۋدا بىۋاستە كۆرسىتىش ئارقىلىق مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلدى.

قىسقىغىنە ئىككى سائەتلىك بىۋاسىتە كۆرسىتىش پائالىيىتىدە 400 مىڭدىن ئارتۇق تور ئەھلىتالىشىپ سېتىۋالدى، سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، جىڭدۇڭ سودا شەھەرچىسى شىنجاڭ سارىيى ۋە تاۋباۋ تورى ئارقىلىق سېتىلغان ياڭيۇ سوۋغاتلىق قېپى5081گەيەتتى، بۇنىڭغا باشقا يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش كىرىمىنى قوشقاندا، ئومۇمىي سوممىسى 216 مىڭ يۈەنگە يەتتى.

ئەۋزەلقۇم كەنتى شەھەر ئەتراپىدابولۇشئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ياڭيۇ قاتارلىقلارنى ئاساس قىلغان كۆكتات تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپكىرىمنى ئاشۇرۇش يولىغا باشلىدى، بۇ كەنتمۇ 2019-يىلى نامراتلىقتىن ئوڭۇشلۇق قۇتۇلدى.