تاغلىق كەنتلەرگە «بېيىش توكى» تۇتاشتۇرۇلدى

日期:2020年07月15日
来源:天山网
【字体:

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى قەشقەر توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ شىخشۇ يېزىسىدا توك سىمى تارماقتا.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى خوتەن ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى خوتەن ناھىيەسىنىڭ قاشتېشى يېزىسىئومشا كەنتىدە قۇرۇلۇش قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى خوتەن ناھىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇش تېخنىكلىرى خوتەن ناھىيەسىنىڭ قاشتېشى يېزىسى ئومىشا كەنتىدە تىرانسفورماتورنىڭ ئاسراش قېپىنى ئالماشتۇرماقتا.

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى قەشقەر توك بىلەن تەمىنلەش شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى قاغىلىق ناھىيەسى شىخشۇ تىرانسفورماتور ئىستانسىسىدا ئۈسكۈنىلەرنى تەڭشەپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلماقتا.

6-ئاينىڭ 4-كۈنى، خوتەن ناھىيەسىنىڭ قاشتېشى يېزىسى ئومشا كەنتىدىكى 76 ياشلىق دېھقان نەمىتۇللا غوجائەخمەت ئېلېكتىر خىزمەتچىلىرىنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «بىزگە <بېيىش توكى> ئەكىلىپ بەرگىنىڭلارغارەھمەت» دېدى.

چارۋىچى گۈلچېھرە ئىبراھىمجان ئائىلىسىدە توڭلاتقۇ ئىشلىتەلىدى.(2019-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). شۇ كۈنى تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى مارياڭ يېزىسىنىڭ ديې كەنتى بىلەن نۇشدۆڭ كەنتىگە ئېلېكتىر تورى ئۇلاندى، 153 ئائىلىدىكى 700دىن ئارتۇق دېھقان-چارۋىچى توك يېتىشمەسلىكمەسىلىسى بىلەن رەسمىي خوشلاشتى.

خوتەن ناھىيەسىنىڭ قاشتېشى يېزىسى ئومشا كەنتىدىكى دىلبەر نۇرنىياز توكسىكلىتقا توك قاچىلىماقتا.(6-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

6-ئاينىڭ 25-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى قاغىلىق ناھىيەسى شىخشۇ يېزىلىق شىپاخانىدا Bچاۋئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش قىلماقتا. شۇ كۈنى بۇ يېزا ئېلېكتىر تورىغا رەسمىي تۇتاشتۇرۇلدى.

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىرچېن چياڭۋېي، جېن شىشىن، لى رۇيخەۋىرى، فوتوسى):6-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتە، شىخشۇ يېزىسىدىن ئىبارەتيورۇقلۇق ۋولتتوكى يەتكۈزۈلىدىغان مەمۇرىي كەنتكەئېلېكتىر تورىتۇتاشتۇرۇلۇشىغائەگىشىپ، قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا تەخمىنەن 180 كىلومېتىر كېلىدىغان شىخشۇ يېزىسى شىخشۇ كەنتىدىكى 423 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى بۇنىڭدىن كېيىن توك كەمچىل بولۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان بولدى.

2019-يىلى 12-ئايدا، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى مارياڭ يېزىسىنىڭ ديېسۈن كەنتى بىلەن نۇشدۇن كەنتىگىمۇ ئېلېكتىر تورى تۇتاشتۇرۇلدى. مارياڭ يېزىسىدىكى 153 ئائىلىلىك ئاھالە ۋە شىخشۇ كەنتى ئاھالىلىرى مۇقىم، ئىشەنچلىك توكتەمىنلەشتىن بەھرىمەن بولدى، ئاپتونوم رايونىمىزبۇلتۇردىن باشلاپ يولغا قويغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش ___ يورۇقلۇق ۋولت توكى يەتكۈزۈلىدىغان 11 مەمۇرىي كەنتكە ئېلېكتىر تورى تۈرى كىرگۈزۈلدى. بۇ نۇقتىلىق تۈردە ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق يورۇقلۇق ۋولتتوكى يەتكۈزۈلىدىغان مەمۇرىي كەنتلەردە توك ئىشلىتىش رادىيۇسى ئۇزۇن بولۇش، توك ئىشلىتىشتە قىسىلىپ قېلىش،توك بېسىمى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 1535 ئائىلىلىك دېھقان-چارۋىچىغا نەپ يەتكۈزۈلدى.

خوتەن ناھىيەسىنىڭ قاشتېشى يېزىسى ئومىشا كەنتى شىنجاڭنىڭ جاپالىق چەت-ياقا رايونلىرىدىكى كەنتلەرگە ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش تۈرىدىن نەپكە ئېرىشكەن كەنتلەرنىڭ بىرى.جاپالىق چەت-ياقا رايونلاردىكى23 كەنتكە ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن، ئومىشا كەنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شىنجاڭدىكى 17 چېگرا ناھىيەدىكى86 مەمۇرىي كەنتتە 9000دىن ئارتۇق ئاھالىگە نەپ يەتكۈزۈلدى.

جاپالىق چەت-ياقا رايونلاردىكى كەنتلەر ۋەيورۇقلۇق ۋولت توكىنىيەتكۈزىدىغان مەمۇرىي كەنتلەرگە ئېلېكتىر تورى ئۇزارتىش تۈرى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يولغا قويغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ. نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىيېقىنقى يىللاردىن بۇيانئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چەت-ياقا، نامرات رايونلارغا مايىللاشتۇرۇپ، يېزا ئېلېكتىر تورىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش، جاپالىق چەت-ياقا رايونلاردىكى كەنتلەرگە تور سەپلەش قۇرۇلۇشى، يورۇقلۇق ۋولت توكىنى مەمۇرىي كەنتلەرگە يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى، كۆمۈر يېقىلغۇنى توك يېقىلغۇغائۆزگەرتىش قاتارلىق دېھقان-چارۋىچىلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان بىر قاتار خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويۇپ،دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىنىئېنېرگىيە مەدىتى بىلەن تەمىنلدى.

ھازىر، جاپالىق چەت-ياقا رايونلاردىكىكەنتلەرگە ئېلېكتىر تورىنى ئۇزارتىش تۈرى ۋە يورۇقلۇق ۋولت توكىنى مەمۇرىي كەنتلەرگەيەتكۈزۈش تۈرى پۈتۈنلەي تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.