قەشقەردىكى «توردا ئالقىشلانغان نان»دىن كۈندە 8000ى سېتىلدى، ناۋايخانا مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى

日期:2020年07月13日
来源:天山网
【字体:

ياشىن تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىرلارگۈزەلنۇر، بۇرابىيەخەۋىرى): شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، 6-ئەۋلاد ناۋاي ئەمەت سۇلايماننىڭ «گىردە نېنى» «توردا ئالقىشلانغان» مەھسۇلاتقا ئايلاندى، ئۇنىڭ ناۋايخانىسىدا كۈنىگە 8000 نان سېتىلىدىغان بولۇپ، ناۋايخانىمۇ ساياھەتچىلەر «داكا» قىلىدىغان مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى.

نان قەشقەرلىكلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدىكى دائىملىقيېمەكلىك بولۇپ، گۆش نان، ماي نان، گىردە نان قاتارلىق 50 نەچچە خىل تۈرى بار. «بىز ئەنئەنىۋى ساپ قول ھۈنەرۋەنچىلىك ئۇسۇلى بىلەن <گىردە نان> ياقىمىز، قۇرۇق ئوتۇن بىلەن قاقلاپ پىشۇرىمىز، تەييار بولغاندىن كېيىنكى سېتىلىش باھاسى پەقەت بىر يۈەن». ئەمەتنىڭ «گىردە نېنى»نىڭسۈپىتى ياخشى، باھاسىنىڭ ئەرزان بولغانلىقىدىن بازىرى ئىتتىك ئىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ،مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرقەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كەلدى. شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشى بىلەن، ئەمەت ناۋايخانىنى ئادەم كۆپرەك بارىدىغان كوچىغا ئاچتى. ناننى قانداق ياقىدۇ؟ ساياھەتچىلەرنىڭ قىزىقىش نۇقتىسىغا ئايلانغاندا، ئەمەتنىڭ نان يېقىش جەريانى ھەمىشە نۇرغۇن ساياھەتچىنى ئورۇۋېلىپ سۈرەتكە تارتىشقا جەلپ قىلىدۇ، «مېنىڭ نان يېقىشىم <ئېكسكۇرسىيە تۈرى>گە، ناۋايخانا مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى، نۇرغۇن ساياھەتچى تارتقان سىن كۆرۈنۈشلىرىنى توردا ئورتاقلىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە قەشقەرنىڭ نېنىنى تونۇتتى» دېدى ئەمەت.

«جىگدە ئۇزۇق-تۈلۈك دۇكىنى»دا، مۇخبىرناۋاي ئۇستاملارنىڭ ئىش تەقسىماتىنىڭ ئېنىق، ھۈنەرگە پىششىق ئىكەنلىكىنى كۆردى. ناۋاي خېمىرنى قولىدا بىر نەچچە قېتىم يۇغۇرغاندىن كېيىن، ئالقانچىلىقچوڭلۇقتازۇۋۇلغا ئايرىپ ناننىڭ شەكلىگە كەلتۈردى؛ بىر چەتتە يەنە بىر ناۋاي تەييارلانغان زۇۋۇلىلارنى تېزلىكتە تونۇرغا چاپلىدى. بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن، يۈزى قىزىرىپ پىشقان چۈرۈك «گىردە نان»لار تونۇردىن چىقتى.

«جىگدە ئۇزۇق-تۈلۈك دۇكىنى»دا ھازىر 24 خىزمەتچى بار، 30 ياشلىق مەمەت قاسىم مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: « ئىلگىرى مەن ھەممىلا يەردە ئىشلەمچىلىك قىلاتتىم، كىرىمىم تۆۋەن ھەم مۇقىم ئەمەس ئىدى. ئەمەتنىڭ ناۋايخانىسىدا ھۈنەر ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئىشقا ئورۇنلىشىشىم ئەمەلگە ئاشتى، ھازىر نان يېقىۋاتقىلى بىر يىلدىن ئاشتى، ئايدا 3500 يۈەن مائاش ئالىمەن».

بۈگۈنكى كۈندە، «جىگدە ئۇزۇق-تۈلۈك دۇكىنى»نىڭ نېنى شۇ جاينىڭ بازار ئېھتىياجنى قاندۇرۇپلا قالماي، يەنە شاڭخەي، تيەنجىن، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغىمۇ سېتىلىدۇ. «ئىچكىرى رايوندىن كەلگەنساياھەتچىلەر دۇكاندا نان يېقىشنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن، دائىم بىرقانچىنى سېتىۋېلىپ تېتىپ باقىدۇ، شۇنداق قىلىپ، مېنىڭ نانلىرىم شىنجاڭنىڭ سىرتىغا سېتىلدى. ھازىر مۇقىم خېرىدار مەنبەرىم بار بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن سودامنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى ئەمەت.