«شىياڭياڭ» خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى

日期:2020年07月10日
来源:天山网
【字体:

كەلپىن ناھىيەسىدە خۇياڭ قويى باقمىچىلىقىنىڭ تەننەرخى تۆۋەن بولدى، تۆللەش نىسبىتى يۇقىرى بولدى

«شىياڭياڭ» خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىپەرىزات ئابدۇل، جىڭ بو، زوۋ يى، ئەن شىيۈ، يىن تۇڭيۈەن

كەلپىن ناھىيەسىنىڭ گەزلىك بازىرى پاسۇڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئاۋۇت مامۇت ھەمىشە خۇشال يۈرىدۇ، ئۇ قوي بېقىشقا تايىنىپ، نامرات ئائىلە دېگەن «قالپاق»نى تاشلىدى.

ئاۋۇت باققان خۇياڭ قويى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجۇ شەھىرىدىن كىرگۈزۈلگەن ئەلا سۈپەتلىك قوي نەسلى بولۇپ، تۆللەش نىسبىتى يۇقىرى، گۆشى مەززىلىك، بېقىش تەننەرخى تۆۋەن ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، كەلپىن ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئائىلىلىرىدە، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ھەم باقمىچىلىق كارخانىسى − كەلپىن ناھىيەسى شىياڭياڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ ھەممىسىدە خۇياڭ قويىنىڭ سىيماسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەنئەنىۋى قوي باقمىچىلىقى بۈگۈنكى كۈندىكى خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلاندى.

كىرىم خۇشاللىق ئېلىپ كەلدى

«مانا بۇ خۇياڭ قويى، بىر قېتىمدا ئۈچنى تۆللىشى ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس» دېدى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئاۋۇت قوتاندىكى خۇياڭ قويىنى كۆرسىتىپ پەخىرلەنگەن ھالدا.

ئاۋۇت ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە بولۇپ، ئون نەچچە يىل قوي باققان بولسىمۇ، لېكىن يىل - يىللاپ قوي بېقىپ يىلدىن - يىلغا نامراتلىشىپ كەتكەنىدى. 2015 - يىلىدىن باشلاپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى توققۇز تۇياق نامراتلارنى يۆلەش قويىنى تاپشۇرۇۋالدى، «ئالغىنىم خۇياڭ قويى، يېڭى نەسىل، بىر قېتىمدا ئىككىنى تۆللەيدۇ» دېدى ئاۋۇت.

ئىلمىي بېقىشقا يۇقىرى تۆللەش نىسبىتى قوشۇلۇپ، ئۇ قوي بېقىشنىڭ تەمىنى تېتىدى، 2019 - يىلى، خۇياڭ قويى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە 30 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم ئېلىپ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ باشلامچى بولۇپ ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ياردەملىشىپ ھاۋالىلىك قوي بېقىپ بېرىۋاتىدۇ، كۈنلىرى قاينام - تاشقىنلىققا تولدى.

«كەلپىن ناھىيەسىدە ئەزەلدىن دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ قوي بېقىش ئەنئەنىسى بار، ئەمما يەرلىك قويلارنىڭ ھەممىسى يىلدا بىرنى تۆللەيدىغان نەسىل بولغاچقا، كۆپ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ» دېدى كەلپىن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋۇ لىن.

2014 - يىلىدىن باشلاپ، جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىمدا 4600 تۇياق خۇياڭ قويىنى يۆتكەپ شىنجاڭغا كىرگۈزدى. خۇياڭ قويى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، باشلامچى كارخانىلارنىڭ تۈرتكە بولۇشىغا توغرا كېلەتتى، كەلپىن ناھىيەسى شىياڭياڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلدى.

«ئالتە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، خۇياڭ قويى بۇ يەرنىڭ مۇھىتى ۋە ھاۋاسىغا ماسلىشىپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى ياخشى ياردەمچىگە ئايلاندى» دېدى ۋۇ لىن.

بۈگۈنكى كۈندە، كەلپىن ناھىيەسىدە قوينىڭ ئەڭ كۆپ بېقىلىش مىقدارى 500 مىڭ تۇياققا يېتىپ، بېقىلغان قوي كىشى بېشىغا يەتتە تۇياقتىن ئارتۇق توغرا كەلدى، يىللىق كىشى بېشى چارۋىچىلىق كىرىمى 2500 يۈەندىن ئېشىپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئائىلىسى قوي باقمىچىلىقى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

تۇرمۇش خۇشاللىققا تولدى

6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، كەلپىن ناھىيەسى شىياڭياڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ باقمىچىلىق مەيدانىدا، 48 ياشلىق ئابدۇسالام مەمەت قويلارغا يەم - خەشەك بېرىۋاتاتتى، ئۇنىڭ بۇ يەردە خىزمەت قىلىۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولدى، ئۇ تۆت قوتاندىكى 1000دىن ئارتۇق قويغا قاراشقا مەسئۇل بولۇپ، ھەر ئايدا 3500 يۈەن مائاش ئالىدۇ.

ئابدۇسالام كەلپىن ناھىيەسىنىڭ يۇرچى يېزىسى يۇقىرىس كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، قوي بېقىش ماھىرى. ئىككى بالىسىنى داشۆدە ئوقۇتۇش ئۈچۈن، ئۇ ئۆيىدىكى ئون نەچچە قوينى سېتىۋەتكەن بولغاچقا، تېخنىكىسى بولسىمۇ، ئىشلىتەلمەي يۈرگەنىدى. 2017 - يىلى 5 - ئايدا، ئۇ كەلپىن ناھىيەسى شىياڭياڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتىنىڭ باقمىچىسى بولدى.

«بۇ يەردە مەن بىر ئۆمۈر كارغا كېلىدىغان قوي بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىۋالدىم، نامرات ئائىلە دېگەن قالپاقنى ئېلىۋەتتىم، ئۆيگە يېڭىدىن سافا، توڭلاتقۇ ئالدىم، يەنە تاپقان پۇلۇمغا قوي، كالا سېتىۋالدىم.» ئابدۇسالام مۇنداق دېدى: «ھازىر ئائىلەمدە ئىككى تۇياق كالا ۋە 20 تۇياققا يېقىن قوي بار، خوتۇنۇم ئۆيدە بېقىۋاتىدۇ، مەن تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىشقا مەسئۇل. بۈگۈنكى كۈندە، داشۆدە ئوقۇيدىغان قىزىمنىڭ چىقىمى ئۈچۈن ئەمدى غەم قىلمايدىغان بولدۇم، بۇنىڭدىن كېيىنكى تۇرمۇشۇمغا بارغانسېرى ئىشەنچىم بار بولدى».

2018 - يىلى، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، كەلپىن ناھىيەسى شىياڭياڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق پەن - تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى كۆپەيتىلگەن قوزىلارنىڭ ھەربىرىنى بازار باھاسىدىن 150 يۈەن تۆۋەن باھادا نامرات ئائىلىلەرگە سېتىپ بەردى ھەمدە ئۇلارنى خۇياڭ قويىنى كۆپەيتىش تېخنىكىسى ھەم بېقىش، يەم - خەشەك تەڭشەش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلەپ، «شىركەت كۆپەيتىش+ دېھقان ئائىلىلىرى بورداش+كارخانا سېتىش» ئەندىزىسى بويىچە، نامرات ئاھالىلەرنىڭ خۇياڭ قويى باقمىچىلىقى ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى جيا جېن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، «دېھقانلار + ئۆلچەملەشكەن باقمىچىلىق رايونى» ۋە «قوينى ھاۋالىلىك بېقىش» ئەندىزىسى بويىچە، شىركەت 503 ئائىلىلىك نامرات ئاھالە بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق ئورناتتى، ھەربىر ئائىلىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 1000 يۈەندىن ئارتۇق ئاشىدۇ.

كەلگۈسى خۇشاللىققا تولدى

«خۇياڭ قويى ھەم ئاق، ھەم سېمىز، خۇددى <شىياڭياڭ بىلەن خۇيتەيلاڭ> ناملىق كارتون فىلىمدىكى قويغا ئوخشاش، تۇرقى بەك چىرايلىق» دېدى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، كەلپىن ناھىيەسى كەيشۈەن قوي باقمىچىلىقى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ئابدۇمەننان مىجىت.

ئابدۇمەننان 13 يېشىدىن باشلاپ دادىسىغا ئەگىشىپ قوي باققان، قوي ساتقان. بۈگۈنكى كۈندە، 38 ياشقا كىرگەن ئۇ بىر قاراپلا قوينىڭ قانچە كىلوگىرام كېلىدىغانلىقى، قانچە كىلوگىرام گۆش چىقىدىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ.

2000 - يىلىنىڭ بېشىدا، ئابدۇمەننان ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ كىچىك قۇيرۇقلۇق خەنياڭ قويى، ۋادى قويى، بوئېر ئۆچكىسى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كۆپ قېتىم تۆللەيدىغان، كۆپ تۆللەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە نەسىلنى يەرلىك قوينىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئۈستىدە ئىزدەندى ھەم شەندۇڭنىڭ كىچىك قۇيرۇقلۇق خەنياڭ قويىنى كىرگۈزدى، ئەمما بىر يىلدىن كېيىنلا ۋاز كەچتى.

ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق ھېسابات قىلىپ بەردى: «ئوخشاشلا كىچىك قۇيرۇقلۇق قوي، كىچىك قۇيرۇقلۇق خەنياڭ قويى بىر كۈندە ئۈچ يۈەنلىك يەم - خەشەك يەيدۇ، ئەمما خۇياڭ قويى ھەر كۈنى بىر يۈەنلىكتىن كۆپرەكلا يەم - خەشەك يەيدۇ، بېقىش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. ئىلگىرى بىز باققان يەرلىك قويلاردىن بىر يىلدا 5000 تۇياقلا قوتاندىن چىقىرىلاتتى، خۇياڭ قويى كۆپ قېتىم تۆللىگەچكە، كۆپ تۆللىگەچكە ھازىر بىر يىلدا 10 مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق قوي قوتاندىن چىقىرىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇياڭ قويىنىڭ قۇيرۇقى ناھايىتى كىچىك بولۇپ، يەرلىك چوڭ قۇيرۇقلۇق قويلارغا قارىغاندا گۆش چىقىش نىسبىتى يۇقىرى».

بۈگۈنكى كۈندە، ئابدۇمەنناننىڭ ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بېقىلىۋاتقان قوي 4000 تۇياقتىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە خۇياڭ قويى 1800 تۇياقتىن كۆپرەك بولۇپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 128 نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. كەلگۈسىگە نىسبەتەن، ئابدۇمەننان تولۇق ئۈمىدكە تولدى، «بۇنىڭدىن كېيىن، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە، نەسىللەندۈرۈش، بېقىشتىن تارتىپ باشقۇرۇشقىچە بولغان ھەربىر ھالقىنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە ئىشلەپ، سۈپىتى تېخىمۇ ياخشى قوي بېقىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىگە <كەلپىن قوي گۆشى> سۈپەتلىك ماركىسىنى بىلدۈرىمىز».