كەنتتە «خەلقنى بېيىتىش كەچلىك بازىرى» ئېچىلدى

日期:2020年07月09日
来源:天山网
【字体:

    شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرىجاڭ جىلى، ئىختىيارىي مۇخبىرجاۋ شىيا)خەۋىرى:«ۋۇ شۇجى، كەنتتە <خەلقنى بېيىتىش كەچلىك بازىرى> ئېچىلغاندىن باشلاپ، تاماق ئېتىش ھۈنىرىم ئەسقاتتى، ئائىلەمنىڭ كىرىمى كۆپەيدى. كەنت ئاھالىلىرىنىڭمۇ كەچتە چىقىپ ئارام ئالىدىغان جايى بار بولدى، سىلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن» دېدى 6-ئاينىڭ 26-كۈنى ئونسۇ ناھىيەسىئارال بازىرى تۆۋەنكى مەكىت كەنتىنىڭ ئاھالىسى يۈسۈپ رۇستەم ئونسۇ ناھىيەلىك بازارنازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تۆۋەنكى مەكىت كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1-شۇجىۋۇ ۋېيغا قاراپ.

  «رەھمەتنى پارتىيەگە ئېيتىڭ، خىزمەت ئەترىتىنى پارتىيە كۆپچىلىكنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا، كۆپچىلىكنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتكەن، سىلەر قىلىشنى خالىساڭلار ھەمپۇل تېپىشنى ئويلىساڭلارلا، خىزمەت ئەترىتى سىلەرنىڭكىرىمىڭلارنى ئاشۇرىدىغان يول تېپىشىڭلارغا ياردەم بېرىدۇ» دېدى ۋۇ ۋېي يۈسۈپ رۇستەمگە.

  تۆۋەنكى مەكىت كەنتى ئونسۇ ناھىيە بازىرىغا بىر قەدەر يىراق، كەنتتە ئادەم كۆپ، يەر ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەنئەنىۋى ئاشلىق زىرائەتلىرىنى تېرىشنى ئاساس قىلىدۇ. گەرچە 2016-يىلى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى مۈشكۈل. ۋۇ ۋېي 2018-يىلى بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىللە باشقاتۇرۇپ، شارائىت يارىتىپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق، كەنتتىكىلەرنىڭپۇل تېپىش يولى بولۇشىنى، كەنتتىكى ھەممەيلەننىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  «خەلقنى بېيىتىش كەچلىك بازىرى»نى قۇرۇش بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى بولدى. بۇلتۇر، خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى زىيارەتجەريانىدا، كەنت ئاھالىلىرى كەنتتە ھەر ھەپتىدەبىر كۈنلا بازاربولىدىغانلىقىنى، مەيلى نەرسە سېتىۋېلىش ياكى سېتىشتا بولسۇنۋاقتىنىڭ بەك قىسقا ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئىنكاسىنى ئىگىلىدى. بازارنازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تارماقلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋۇ ۋېي «ئەگەر كەنتتە يېڭىدىن بىر بازار قۇرۇلسا، كەنت ئاھالىلىرى ئىستىراھەت ئىستېمال سورۇنىغا ئىگە بولىدۇ، يەنە بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردىمى بولىدۇ» دەپ ئويلىدى. كەنتتىكى كىچىك مەيداننىڭ ئالدىدا بىر پارچە بوش يەر بار بولۇپ، كەچلىك بازار ئېچىشقا ماس كېلەتتى.

  خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى بەنزىسى ناھايىتى تېزلا مۇزاكىرە قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى مەيدانىنىڭ ئالدىدا «خەلقنى بېيىتىش كەچلىك بازىرى» قۇرۇشنى قارار قىلدى، 30دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى كەچلىك بازارغا بېرىپ يايما ئېچىشقا تىزىملاتتى. خىزمەت ئەترىتى كەچلىك بازاردا يايما ئاچىدىغان تىجارەتچىلەرنى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردە تەربىيەلەپ، كەچلىك بازارنى ھەقىقىي تۈردە تىجارەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرىدىغان، بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئۆز جايىدا ھەزىم قىلىدىغان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۆستۈرىدىغان جايغا ئايلاندۇردى.

  كەنت ئاھالىسى مەمەت مولنىياز مۇنداق دېدى: خىزمەت ئەترىتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قوللانغان چارىسى كۆپ، ئۇلارنىڭ كەنتىمىزنى بارغانسېرى چىرايلىق قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلايدىغانلىقىغائىشەنچىمىز كامىل.