كورلا: ئەنۋەرنىڭ بەخت ھويلىسى

日期:2020年07月09日
来源:天山网
【字体:

7-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئەنۋەر ئىسمايىل بىلەن خوتۇنى زەينەپخان زەيدۇن ھويلىغاتېرىغان كۆكتاتلارنى پەرۋىش قىلماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزجاۋ شۇاڭخەۋىرى، فوتوسى): شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىكورلا شەھىرى لەڭگەر يېزىسى لەڭگەر كەنتىدىكى بىر كىچىك يولنىڭ ئاخىرىدا، مەنزىرىسى گۈزەلۋە بەختكە تولغان بىر كىچىك ھويلا بار، بۇ ئەنۋەر ئىسمايىل ئائىلىسىدىكىلەرنىڭئۆيى.

7ـ ئاينىڭ 3-كۈنى، مۇخبىر كۆنچى دەرياسى بويىغا جايلاشقان بۇ ھويلىغا كىردى. قورۇ ئىچىدىكى پىيادىلەر يولىنى بويلاپ ماڭغاندا، نەشپۈتلۈكنىڭمەنزىرىسىنى تاماشا قىلغىلى بولاتتى؛ ئۈزۈم كارىدورىدىن ئۆتكەندە، يەنە پارنىكتىن كۆكتات ئۈزۈشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلغىلى بولاتتى.

ھالبۇكى، 2016-يىلىدىن بۇرۇنبۇ ھويلىدىكىئۆيلەر كونا بولۇپ، چاڭ-توزان بېسىپ تۇراتتى.

2012-يىلى،42 ياشلىق ئەنۋەرنىڭ مېڭە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلىقىئېنىقلاندى، ئىككى يىل تەكشۈرتۈش ۋە داۋالىتىش جەريانىدا، ئۆيىدىكى يىغىپ قويغان پۇلىنىڭ ھەممىسى تۈگىدى. زەينەپخان ئېرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغانلىقتىن سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشقا ئامالسىز قېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى ئۈزۈلۈپ قالدى. 2014-يىلى، ئەنۋەر بىلەن زەينەپخان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە دەپ بېكىتىلدى.

«شۇ چاغدا تۇرمۇشىمىزدا چىقىش يولى يوقتەك ھېس قىلغانتىم». ئىلگىرىكى كۈنلەر تىلغا ئېلىنسا، زەينەپخان ئىختىيارسىز كۆز يېشى قىلاتتى.

2015-يىلى، لەڭگەر يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، سالامەتلىك ئەھۋالى سەل ياخشىلانغان ئەنۋەر ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان ئىش ئورنىغا بېرىپ ئىشلەپ، ھەر ئايدا 500 يۈەن كىرىم قىلدى، زەينەپخانمۇ خىزمەت تاپتى.

2016-يىلى، ئەنۋەر ئائىلىسىنىڭ دەز كەتكەن كېسەك ئۆيى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيىگە ئايلاندى، ھويلىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. چوڭ دەرۋازا، يورۇق دېرىزىلەر، ئاپئاق تاملاردىنئەنۋەر بىلەن زەينەپخان تۇرمۇشنىڭ ئۈمىدىنى كۆردى.

نامراتلارنى يۆلەش قويى، توخۇ چۈجىسى، كۆكتات مايسىسى تارقىتىش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش... بىر قاتار نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە، ئەنۋەر ئائىلىسىنىڭ 2014-يىللىق كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 1400 يۈەندىن2019-يىلى 17 مىڭ يۈەنگە يەتتى. ئەنۋەر بىلەن خوتۇنىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى، تۇرمۇشىمۇ بارغانسېرى ياخشىلاندى.

ئەنۋەر ۋە خوتۇنىنىڭ قەلبىدە، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش سىياسىتى ئۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە، گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشكە ئىگە قىلدى.

«قورسىقىمىز توق، كىيىمىمىز ياخشى، تۇرىدىغان ئۆيىمىز بار، ئەسلىدىكى تۇرمۇشىمىزنى ھازىرقىغا سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ». سۆزلەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، زەينەپخاننىڭ چىرايىدا كۈلكە جىلۋىلەندى.

ئىلگىرى چاڭ-توزان كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان ھويلا ھازىر يېڭى تۈسكە كىردى. ھويلىدا يەرلەر تۈزلىنىپ، ئۈزۈم بارىڭى، پىيادىلەر يولى ياسىلىپ، شوخلا، لازا، چەيزە، خاڭگا قاتارلىق كۆكتاتلار تېرىلىپ، ناھايىتى تەرتىپلىك پىلانلاندى. ھويلىغا يەنە مۇھىت ئاسرايدىغان ھاجەتخانا سېلىندى، ئارام ئېلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى تولۇق ئىدى.

ئەنۋەر بىلەن خوتۇنى ھويلىدا ئولتۇرۇپ، يېڭى تۇرمۇشىنى پىلانلىدى: «بىز دېھقانلار ئارامگاھى ئاچماقچى، ئۆزىمىز بېيىپلا قالماي، يەنە باشقا كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىمىز».

«ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپكارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھويلا-ئاران كۆلىمى گەرچە چوڭ بولمىسىمۇ، لېكىن پىلانلاپ پايدىلانسا، نىسبەتەن مۇقىم كىرىم قىلىپلاقالماي، يەنە تۇرالغۇ مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرگىلى بولىدۇ، <بىر چالمىدا ئىككى پاختەك>سوققىلى بولىدۇ». كورلا شەھەرلىك ئىقتىسادىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ لەڭگەر يېزىسىلەڭگەر كەنتىدە تۇرۇشلۇقخىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، كەنتنىڭ 1-شۇجىسىليۇ يەنمىڭ مۇنداق دېدى: «لەڭگەر يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويغاندىن سىرت، يەنە ئارزۇسى بار ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، كىچىك ھويلا-ئارانلاردا زور ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشتى».

«يەيدىغان، كىيىدىغان، ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بار، ھازىرقى تۇرمۇشىمىز ئىنتايىن بەختلىك». ئەنۋەر تەلپۈنىدىغان تۇرمۇش ناھايىتى ساپ، خوتۇنى بىلەن بىرلىكتە بۇ ھويلىنى كۆڭۈل قويۇپ باشقۇرسىلا، ھويلا ئۇلارنىبەختلىك، ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ.