قومۇلنىڭ بوغاز يېزىسىدىكى 14 مىڭ 500 مو يەردىكى قوغۇننىڭ %90 پىشىپ بازارغا سېلىندى

日期:2020年07月09日
来源:天山网
【字体:

تىيانشانتورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزليۇ يىمىڭ):سېرىق ۋە يېشىل رەڭلەر ئارىسىدىكىقوغۇنلۇقتا، قوغۇنچى دېھقان جاۋ خوڭيۇەنسىرتقى يۈزى تورلاشقان قوغۇنلارنىكۆتۈرۈپ كېلىپ، ئېتىز بېشىدىكى يۈك ئاپتوموبىلىغا ئاستا سالدى. «قالغان 30 مو يەردىكى قوغۇننىڭ ھەممىسى شاڭخەيگە توشۇلىدۇ، سودىگەرلەرزاكاز قىلىپ بولدى» دېدى 7-ئاينىڭ 4-كۈنىقومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى بوغاز يېزىسىدىكى قوغۇنچى دېھقان جاۋ خوڭيۇەن.

بوغاز يېزىسىدا يېقىندا 14 مىڭ 500 مو يەردىكى قوغۇن پىشىپ بازارغا سېلىندى، 1100دىن ئارتۇق قوغۇنچى دېھقان مول ھوسۇل ئالدى. «6-ئاينىڭ 25-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە،بوغاز يېزىسىنىڭ قوغۇنلىرى كەڭ كۆلەمدە پىشىپ بازارغا سېلىنىشقا باشلىدى، 10 كۈنگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە %90قوغۇنغا زاكاز كەلدى، ھازىر توشۇلۇشنى كۈتمەكتە» دېدى بوغازيېزىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چىن شۇەي.

يېرىم ئاي ئىلگىرىلا، قوغۇنسېتىشمەسىلىسى قوغۇنچى دېھقانلارنىڭ كۆڭلىدىكى بىر غەمئىدى.

«بۇ يىل قوغۇننىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى ياخشى بولدى، دانىسى تۆت كىلوگىرامدىن ئاشتى. ئەمما يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن سودىگەرنەق مەيدانغا كېلىپ قوغۇننى يىغىشقا ئامالسىز قالدى، مەن بىر مەھەلسېتىشتىن بەك ئەنسىرىدىم»دېدى قوغۇنچى دېھقان دۇڭ جيەن.

بۇ يىل قوغۇنسېتىشمەسىلىسىنى ئويلاشقان بوغاز يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتى ھەمشىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەر پائال تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللاندى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بوغاز يېزىسىدا قوغۇن پىشىشتىن بۇرۇن، شىنجاڭدىكى تۇنجى قوغۇن كىمارتۇق قىلىپ سېتىش مەركىزىمۇ ئېۋىرغول رايونى بوغاز يېزىسىنىڭ قىزىلتاغ كەنتىدە رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.بۇ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش مەركىزى قوغۇننى دەرىجىگە ئايرىپ تاللاش، توردا سودىلىشىش، ئۇچۇر ئېلان قىلىش، ئامباردا ساقلاش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سوغۇق ساقلاش زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، چوڭ سانلىق مەلۇمات تەھلىل قىلىپ قوللىنىشنىبىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، 6-ئاينىڭ 23-كۈنى رەسمىي كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش باشلاندى.

«كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش مەركىزىمىز ئاساسلىقى قوغۇنلارنى دەرىجە بويىچە ئايرىيدۇ، ئوخشىمىغان دەرىجىگە ئاساسەن ئوخشىمىغان باھادا سېتىپ،مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارغا يۈزلەندى. ھازىرغىچە،208 مىڭ توننا ئەتراپىدا قوغۇن ساتتى»دېدى شىنجاڭ قوغۇن كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى تيەن خەي.

بۇنىڭدىن باشقا، دېھقانلارنىڭ قوغۇن سېتىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، خېنەن ئۆلكىسى لوياڭ شەھىرىدىن قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىغا ياردەمگە كەلگەن 25 كادىر پائال ھەرىكەتكە كېلىپ،ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى سودىگەرلەر بىلەن ئالاقىلىشىپ، مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپ سېتىۋېلىشقا قاتناشتۇردى، يېڭى تاراتقۇلار ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپساتتى،تۇنجى ئاپتوموبىلدىكى 60 مىڭ جىڭ قوغۇن خېنەنگە يەتكۈزۈلدى.(سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)