تۇرپان دېھقانلىرى قوغۇن قېقى پىششىقلاپ ئىشلەپ، مەھسۇلاتنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئاشۇردى

日期:2020年07月08日
来源:天山网
【字体:

تىيانشان تورى خەۋىرى(مۇخبىرىمىزئايشەمگۈل ئابلا، ئىختىيارىي مۇخبىرمەدىنۇر تۇرسۇن، گو خۇڭيەنخەۋىرى، فوتوسى):ماڭگو قېقى، ئۆرۈك قېقى، بۆلجۈرگەن قېقى... سىز قوغۇن قېقىنى يەپ باققانمۇ؟

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۇرپان يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنى قوغۇن قېقى پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىسىنى كىرگۈزۈپ، قوغۇن قېقى پىششىقلاش ھۈنەر-سەنئىتى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، تۇرپاندىكى قوغۇنچى دېھقانلارغا كىرىمنى ئاشۇرىدىغان يېڭى يولتېپىپ بەردى.

يېقىندا، تۇرپان يېزا ئىگىلىك پەن-تەتقىقات ئورنىنىڭ تەجرىبە بازىسىدا، تېخنىكلار يېڭىدىن ئۈزگەن قوغۇننى ئايرىپ، دېزىنفىكسىيە قىلىپ، پوستىنى ئاقلاپ، توغراپ،پىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىسىگە سېلىپ قۇرۇتتى.

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەڭ چوڭ قوغۇن ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قوغۇن كەسپى تۇرپان دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى تۈۋرۈك كەسىپ بولۇپ قالغان، بىراق ھەر يىلى قۇغۇننى يېڭى پېتى سېتىشئاساس قىلىنغان كەسىپ ئەندىزىسى ۋە سېتىش ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە بىر قەدەر مەركەزلىشىپقېلىشتەك ئالاھىدىلىك قوشۇلۇپ، نۇرغۇن يېڭى قوغۇننىڭ باھاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى،يەنە نۇرغۇن ئىسراپچىلىق ۋە تاشلىۋېتىش ئەھۋاللىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

تۇرپان يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى رېن خۇڭسۇڭ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: ئىنچىكە پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بولماسلىقى ۋە باشلامچى كارخانىلارنىڭ سېتىۋالماسلىقى تۈپەيلىدىن، تاۋار قوغۇن ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ناچار قوغۇنلار تاشلىۋېتىلەتتى،دېھقانلارنىڭ كىرىمىگىمۇ تەسىر يەتكۈزەتتى،بىر قىسىم قوغۇنچى دېھقانئۆيىدە قوغۇندىن قاق قۇرۇتۇپ ساتسىمۇ، لىكىنئوچۇقچىلىقتا قۇرۇتۇلغاچقائاسانلا چاڭ-توزان قۇنۇپ، رەڭگى ۋە تاشقى كۆرۈنۈشىسەل كۆرۈمسىز، قۇرۇتۇش ئۈنۈمى ۋەتاۋار نىسبىتى تۆۋەنبولۇپ، بازارنىڭ كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي قالاتتى.

بۇ يىلتۇرپان يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئورنى پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ تېخنىكا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قوغۇن قېقىنىئوزۇقلۇق، تەم، بىخەتەرلىكۋە كەسىپلەر بويىچە سىجىل، ئۇزاق مۇددەتتەرەققىي قىلدۇرۇشئەمەلىي ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، قوغۇن قېقىنى پىششىقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى كىرگۈزۈپ، قوغۇن قېقىنى پىششىقلاپ ئىشلەش ھۈنەر-سەنئىتىنىتەتقىق قىلىپ ئېچىشنى قانات يايدۇردى.

قوغۇننى يالپاقلاپ قۇرۇتۇش تېخنىكىسىدىنپايدىلىنىپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن قوغۇن قېقى سۇس سېرىق رەڭدە، پارقىراق بولىدۇ، قوغۇننىڭ تەبىئىي تاتلىق تەمى ساقلاپ قېلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىكرو كومپيۇتېردا تېمپېراتۇرا ۋە نەملىكنىتەڭشەش ئارقىلىقئاپتوماتىك قۇرۇتۇلۇپ، ئادەم كۈچى تەننەرخىزور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىپ، قوغۇن قېقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈلىدۇ.