دۆربىلجىن ناھىيەسى: كەنت ئاھالىلىرى ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتا تەڭ نەپكە ئېرىشتى

日期:2020年07月07日
来源:天山网
【字体:

تىيانشانتورى خەۋىرى(مۇخبىرلىرىمىزليۇ پېڭ، بۇيىن):ھەقسىز ماھارەت ئۆگىنىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشتولۇقلىمىسى ئېلىش، ئىگىلىك تىكلەشقەرز مەبلىغىگە ئېرىشىش... بۇلار شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى دۆربىلجىن ناھىيەسىشەھەر ئەتراپى يېزىسى گەنچۈەن كەنتىدىكىئاھالىلارغانىسبەتەن ئويلاپ باقمىغان، ئەمما «ئاسماندىن چۈشكەن»دەكلا ئىش بولدى.

«بۇنداق ياخشى ئىش، گەنچۈەن كەنتىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى<پارتىيە ياچېيكىسى + ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىجتىمائىي كاپالەت مۇلازىمەت پونكىتى + ئەمگەك كۈچى>يېڭى ئەندىزىسىنىڭ نەتىجىسى»دېدى6-ئاينىڭ 21-كۈنى گەنچۈەن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭفۇئەيجۈن.

گەنچۈەن كەنتىشەھەر ئەتراپى يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۆت كىلومېتىر شىمالىغا جايلاشقانبولۇپ، كەنت بويىچە 344 ئائىلىلىك918 ئادەم بار، دائىم تۇرۇشلۇق 144 ئائىلىلىك 350 ئادەم بار، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 11 نامرات ئائىلىلىك 27 ئادەم بار.

2018-يىلى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، كەنت «ئىككى كومىتېت»ى دۆربىلجىن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بىلەن پائال ماسلىشىپ، تەربىيەلەش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، تەربىيەلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، كەنتتە ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت مۇلازىمەت پونكىتى تەسىس قىلىپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى پونكىت باشلىقى بولۇپ، ئۈچ خىزمەتچىنىبېكىتىپ، پۈتۈن كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنى تەشكىلىي كاپالەت ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.

ئەمگەك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتى مۇلازىمەت پونكىتىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامانلىق ساقلاش، كەپشەرلەش، تۇغۇت باققۇچى، باغۋەنچىلىك، ئاشپەزلىك قاتارلىق كۇرسلار ئېچىلدى. كەنت «ئىككى كومىتېت»ىكەنت ئاھالىلىرىنى تەربىيەلەشخىراجىتىدىن 82 مىڭ يۈەننى كەنت كوللېكتىپ مەبلىغىدىن ئاجراتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا 5000 يۈەن، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلمىگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا 3000 يۈەن رىغبەتلەندۈرۈش پۇلى بېرىلدى، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بولسىمۇ،مەبلىغى يېتىشمىگەنلەرگە دۆربىلجىن ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى بىلەن كېڭىشىپ، 20 مىڭ يۈەندىن 150 مىڭ يۈەنگىچە ئاز سوممىلىق ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، ئۇلارغابېيىش ئۈمىدى بېغىشلىدى.

«بىر يىلدىن بۇيان، كەنت <ئىككى كومىتېت>ى سەككىز كەنت ئاھالىسى ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن بىر نامرات ئائىلىگە 29 مىڭ يۈەن رىغبەتلەندۈرۈش پۇلى تارقاتتى، ئالتە ئىگىلىك تىكلىگۈچىگە 190 مىڭ يۈەن ئاز سوممىلىق ياردەم ئۆسۈملۈك قەرز پۇل بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ ئائىلىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇردى» دېدى خۇاڭپۇ ئەيجۈن. بۇ يىل 1-ئايدىن 5-ئايغىچە، كەنت بويىچە 541 كىشى(ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 11 نامرات ئائىلىدىكى 27 كىشى ئىچىدىكىئەمگەك ئىقتىدارى بار 14 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىگىلىك تىكلەپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ، 4 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئەمگەك كىرىمى ياراتتى، ھەربىر ئائىلىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 13 مىڭ يۈەنگە يەتتى.