«چاپتا نان» نامراتلارنى يۆلەشكە «زاپاس كۈچ» قوشتى

日期:2020年07月07日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرشاڭ شېڭ): ئېغىرلىقى 50 گىرامدىن ئاشمايدىغان، قېلىنلىقى 5 مىللىمېتىرمۇ كەلمەيدىغان «چاپتا نان» غولام مۇتەللىپنىڭ كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئۇنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇردى.

غولام مۇتەللىپنىڭ ئۆيى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىكەلپىن ناھىيەسى يۇرچى يېزىسى تومئېرىق كەنتىدە بولۇپ، بۇ كەنت ئىلگىرى ئېغىر نامرات كەنت ئىدى. نۇرغۇن دېھقاننىڭ نان يېقىش ھۈنىرى بار، بولۇپمۇ «چاپتا نان» يېقىشتا ئاز-تولا نامى بار ئىدى. «چاپتا نان» 2007-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكغەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى، ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونى كەلپىن ناھىيەسى، بۇنىڭ ئىچىدە تومئېرىق كەنتىنىڭ «چاپتانان» مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن ناھىيەنىڭ %40ىنى ئىگىلەيدۇ.

تومئېرىق كەنتىنىڭ 1-شۇجىسى لى ۋېيدۇڭ ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، بايلىق ئەۋزەللىكىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ نان كوپىراتىپى قۇرۇشنى قارار قىلدى. 2018-يىلى 5-ئايدا، كەلپىن ناھىيەسى ئۆرۈك يېزىسى نان ھەمكارلىق كوپىراتىپى تومئېرىق كەنتىدە قۇرۇلدى، نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان غولام مۇتەللىپ كوپېراتىپنىڭ بىر ئەزاسى بولدى.

كوپىراتىپخام ماتېرىيال سېتىۋېلىش، ياساش تەرتىپىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كارخانا، مەكتەپ قاتارلىقلار بىلەن زاكازنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، دېھقانلار دۇچ كەلگەن ئەسلىھەلەر ئاددىي بولۇش، تىجارەت كۆلىمى كىچىك بولۇش، سېتىش راۋان بولماسلىققاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كەسپ ئۈنۈمىنى كۈنسېرى ئۆستۈردى.

ئىلگىرى غولام مۇتەللىپ ياققان نانلار ئانچە بازار تاپالمىغان ئىدى، كوپىراتىپقا كىرگەندىن كېيىن خام ئەشيالارنىڭ تەننەرخى ئەرزان توختىدى، سېتىش يوللىرىمۇ كۆپەيدى، ھەر ئايدا 8000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى.

ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن، 2019-يىلى 5-ئايدا كوپىراتىپ 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ 1800 كىۋادرات مېتىرلىق ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش سېخىقۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ، نان يېقىش «ئاقما لىنىيە» مەشغۇلاتى يولغا قويۇلدى، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئېشىپلا قالماي، بازارمۇ كېڭەيدى، ئىشلەپچىقىرىلغاننانلار ئۈزۈلمەي تاللا بازار، دۇكانلارغا سېلىنىپ، مال جازىسىغا تىزىلدى.

ھازىر، كوپىراتىپنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا كۈنىگە 42 مىڭ دانە نان ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، «چاپتا نان»دىن سىرت، ساپ بۇغداي نېنى، گۈلقەنت نېنى قاتارلىق 12 خىل نان ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. مەھسۇلات ئەمەلىي دۇكىنى شاڭخەي، خاڭجوۋ قاتارلىق شەھەرلەرگىچە ئېچىلدى. ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى نانلار ئەنئەنىۋى نانلار بولۇپ، ھەربىرىنىڭ پايدىسى %20تىن ئاشىدۇ.

ھازىر، كوپىراتىپتا بىۋاسىتە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار سانى 130دىن ئاشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە 86 ئادەم.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كوپىراتىپ شۇ جايدىكى ئۇن پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان باشلامچى كارخانا بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، نانچىلىق كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىنىنى ماس تەرەققىي قىلدۇردى. چاپتا نان شۇ جاينىڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلىشىگە «زاپاس كۈچ» قوشتى.