تولى ناھىيەسى: بىكار تۇرغان ھويلا-ئارانلار «كىرىمنى ئاشۇرىدىغان باغچا»غا ئايلاندى

日期:2020年07月07日
来源:天山网
【字体:

تىيانشانتورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىردەي جياۋمېي، ئىنكار مۇرالقان):«پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە رەھمەت، بىزگە ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى سېلىپ بېرىپلا قالماي، يەنە بېيىش يولى ئېچىپ بەردى، بۇلتۇر مەن قىشلىق موگۇ تېرىپ 5000 يۈەن كىرىم قىلدىم. بۇ يىليەنە غاز بېقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن»دېدى تىلەش جۇنىس يېقىندا.

تىلەششىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ تولى ناھىيەسىكۇپ يېزىسى دولاتى كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە، ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگىنىڭىزدە، قاتتىقلاشتۇرۇلغان سېمونت يەرنىڭ پاكىز، رەتلىكلىكىنى، كۆكتاتلىق ۋە ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىق رايونىنىڭ ئايرىم-ئايرىم رېشاتكا بىلەن قورشاپ ئايرىلغانلىقىنى، ئۆيىنىڭ كەينىدىكى موگۇ تېرىش ئۆيىنى كۆرەلەيسىز.40 كۋادرات مېترلا كېلىدىغانئۆيدىكى بىرنەچچە رەت تېرىقچىلىق جازىسىغا 1000دىن ئارتۇق زەمبۇرۇغ تاياقچىسى رەتلىك تىزىلغان.

موگۇ تېرىش تىلغا ئېلىنسا، تىلەشنىڭ چېھرىدىن كۈلكە كەتمەيدۇ، چۈنكى موگۇنىڭ تېرىش ۋاقتى قىسقا، ئۈنۈمى يۇقىرى. ئۇ بۇلتۇرقى تېرىقچىلىق تەجرىبىلىرىدىنبۇ يىل ئېرىشىدىغانپايدىسىغا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارىدى. «بۇلتۇر خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى ۋە كەنت كادىرلىرىنىڭ ياردىمىدە ھويلا-ئاران ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردۇم، ھازىر كۈنلىرىم بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ»دېدى تىلەش.

دولاتى كەنتىدە 338 ئائىلىلىك 1237 ئادەم بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 171 نامرات ئائىلىلىك، 643 ئادەم بار. بۇلتۇر جەمئىي 15 ئائىلە موگۇ تېرىپ، 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلدى.

ئوخشاشلا، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالە ئايدىن مىلەتخان ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىكى بىكار تۇرغان يەرلەرگە لازا، شوخلا،ياڭيۇ قاتارلىقلارنى تېرىدى، يەنە 60 غاز ۋە 10 توخۇ باقتى. «غاز بېقىش ئاسان، چوڭايغاندا ئاپىرىپ ساتسام، تەخمىنەن 3000 يۈەن كىرىم قىلالايمەن» دېدى ئايدىننىڭ خوتۇنىدامۇگۈل ماقمېر.

«مېنىڭ ئۆيۈم چوڭ يول بويىغا قارايدۇ، مەن خوتۇنۇم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ كىچىك دۇكان ئاچتىم. ھازىر پارتىيەنىڭ سىياسىتى ياخشى، خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردەم بېرىش سالمىقى زور، ھويلىغا تېرىغان كۆكتاتلارنى ئۆزۈم يەپلا قالماي، يەنە دۇكانغا ئاپىرىپ ساتىمەن. مەن داۋاملىق تىرىشىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىللە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىمەن» دېدى ئايدىن.

خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ى لېكسىيە سۆزلەش، دېھقان-چارۋىچىلار مەكتىپى ئېچىش قاتارلىق شەكىللەردە، چارۋىچىلارنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بەردى ھەمدە تېخنىكلارنى يېتەكچىلىك قىلىشقا تەكلىپ قىلىپ، چارۋىچىلارنىڭ ھويلا-ئارانلىرىنىمۇۋاپىق پىلانلاپ، «ئۈچ رايوننى ئايرىپ»، بىكار تۇرغان يەرلەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە غاز، توشقان قاتارلىق باقمىچىلىقنى كۆپەيتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، بىكار تۇرغان ھويلىلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشتىكى «كىرىمنى ئاشۇرىدىغانباغچا»غا ئايلاندۇردى.